ئامېرىكادا چىقىدىغان «خەۋەرلەر ھەپتىلىكى» (NewsWeek) تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ بۇ يىل ھەربىي ئىشلارغا ئاجاتقان سېلىنمىسى 178 مىليارد دوللارغا يەتكەن.
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شى جىنپىڭ خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ۋە خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ ۋەكىللەر يىغىنىغا قاتناشقاندا، خىتاينىڭ 2020-يىللىق دۆلەت مۇداپىيەسى ۋە قوراللىق كۈچلەرنى كۈچەيتىش نىشانى ھەم ۋەزىپىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
ئالدىنقى ھەپتە خىتاي دۆلەت خامچوتىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، كورونا ۋىرۇسى ئېلىپ كەلگەن ئىقتىسادى زىيانغا قارىماي خىتاينىڭ ھەربىي خىراجىتىنىڭ 2019-يىلى يەنىلا 6. 6 پىرسەنت ئاشقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
رويتىرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شى جىنپىڭ ۋىرۇسنىڭ «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىشى» دىن «ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى»، شۇڭا ھەربىيلەرنىڭ يېڭى مەشىق ئۇسۇللىرىغا دىققەت قىلىشى كېرەكلىكى ۋە قوراللىق جەڭگە تەييارلىق قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشىنى تەكىتلىگەن.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ۋىرۇسنى كونترول قېلىشنى باھانە قىلىپ، خوڭكوڭ، خىتاي-ھىندىستان چېگراسى ۋە باشقا سەزگۈر رايونلارغا قارىتا ئۇرۇش قىلىشقا ھازىرلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.