ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلىنىشى غەرب ئاخباراتلىرىدا داۋاملىق يەر ئالماقتا

خىتاي دائىرىلىرى ئىجرا قىلىۋاتقان قاتتىق قوللۇق باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىنى ئىسمى-جىسمىغا لايىق «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» گە ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتقانلىقى ئىزچىل تۈردە دۇنيانى ھەيران قالدۇرۇۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.

«پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 14-نويابىردىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدە ھازىر ئۇچىغا چىققان قاتتىق كونتروللۇق تەدبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، شۇ جايلاردىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىمۇ يۈرەكزادە قىلىۋەتكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، چېن چۇەنگو 2016-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتىيە سېكرېتارى بولۇپ يۆتكىلىپ كەلگەندىن بۇيان، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «بىخەتەرلىك كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى» نىڭ تېزدىن ئېشىپ، ئومۇمى سانى پۈتكۈل ئەنگلىيەدىكى كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى سانىنىڭ يەتتە ھەسسىسىگە يەتكەن. مەزكۇر گېزىتنىڭ مۇخبىرلىرى زىيارەت قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقاندىقى ئۆزلىرىنىڭ بىر ياكى بىرنەچچە تۇغقىنىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، مىڭلىغان ھۆكۈمەت بىنالىرى ۋە مەكتەپلەر «سىياسىي تەربىيە مەركىزى» قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. مۇخبىرغا بۇ ھەقتە پىكىر قىلغان بىر ئۇيغۇر كىشى «ئۇ يەردىكىلەرنىڭ تامىقى، ئۇخلايدىغان يېرى ۋە دەرس ئاڭلايدىغان سىنىپى ھەممىسى شۇ يەردە. ھېچكىم ئۇ جايدىن سىرتقا چىقالمايدۇ» دېگەن. يەنە بىر ئۇيغۇر سودىگەر بولسا ھازىر قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە بېرىش ئۈچۈن يەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ رۇخسەت خېتىنى ئېلىش لازىملىقىنى بىلدۈرگەن.