ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دو ۋەنگۇي پارا ئېلىش  جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىندى

«شىنخۇا تورى» نىڭ 10-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى رەسمىي ھالدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دو ۋەنگۇينى پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئالغان. نۆۋەتتە بۇ دېلونى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈش داۋاملاشماقتا ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر دېلونى دۆلەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەكشۈرگەندىن كېيىن، دېلو تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە قارار چىقىرىشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. خەۋەردە دو ۋەنگۇينىڭ «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم ۋە ھەل قىلغۇچ خاراكتېردىكى سىياسەتلىرى، شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ‹تۆشۈك تېشىش›، ئۆزگەرتىپ ئىجرا قىلىش، سىياسىي قويمىچىلار بىلەن ئېغىز-بۇرۇن يالىشىش ۋە ئەمەل سېتىش قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلغان» لىقى ئەسكەرتىلگەن. بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ ئاساسلىق خاتالىقىنىڭ خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان «بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى»غا ئوخشاش غوللۇق قۇرۇلۇشقا ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىيانەت قىلغانلىقىدىن بېشارەت بېرىلگەن.

ئاممىۋى ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە، دو ۋەنگۈي 1962-يىلى ئۆكتەبىردە جياڭسۇنىڭ شۈجۇ شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1982-يىلى ئۆكتەبىردە خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، ئۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىگەن. تۇرپان ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى ۋە تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولغان. كېيىن، ئاقسۇ سىياسىي ۋە قانۇن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن پارتىيە سېكرېتارى بولغان. دو ۋەنگۇي كېيىنكى يىللاردا خىتاي خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.

بۇ دېلونىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ چوڭ سەتچىلىكلىرىنىڭ بىرى، دەپ قارالغانلىقى مەلۇم.