ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى 11-يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى شۇ گۇيشياڭ تاراتقۇلارغا سۆز قىلىپ، تۇغۇت كونترول قىلىش قارارىنى شەخسلەرنىڭ ئوز ئىرادىسى بىلەن بەرگەنلىكى، ئۇنىڭغا «ھەرقانداق بىر تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ئارىلاشمىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۆتكەن يىلى گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى دوكتور ئادرىيان زېنز خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىگە ئاساسەن دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ 2017-يىلدىن بېرى شىددەتلىك ئازىيىپ كەتكەنلىكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. بۇ دوكلات دۇنيادا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغاپ، بۇنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا» كىرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارشى دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئازىيىپ كەتكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان.

بولۇپمۇ خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ تىۋىتتىردا ئۇچۇر يوللاپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ «بالا تۇغۇش ماشىنىسى بولۇشتىن خالى بولغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈشى خەلقئارادا تېخىمۇ قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغانىدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ گۇيشياڭ ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ باشقا مىللەتلەردىن جىق كۆپىيىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر ئاياللىرىغا «مەجبۇرىي ئۈزۈك سالدۇردى ياكى بالا چۈشۈرۈشكە مەجبۇرلىدى، دېيىشنىڭ تېخىمۇ يامان غەرەزلىك» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. بىراق ئۇ مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى، خىتاي كارخانىلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىنىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى تىلغا ئالمىغان.