UHRP نىڭ يېڭى دوكلاتى ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇچ كېلىۋاتقان دىنىي زۇلۇملارنى پاش قىلدى

ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى (UHRP) 1-فېۋرالدا ئېلان قىلغان «‹قۇرئان› ئۆگەنگەنلىككە 20 يىللىق قاماق: ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە دىنىي زىيانكەشلىك» تېمىسىدىكى دوكلات ئۇيغۇر دىيارىدىكى دىنىي زۇلۇمنىڭ تاشقى دۇنياغا ئانچە مەلۇم بولۇپ كەتمىگەن يەنە بىر يۈزىنى نامايان قىلىپ بەردى.

پروفېسسور رەيچىل خاررىس ۋە مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ بىرلەشمە ئەمگىكى سۈپىتىدە ۋۇجۇدقا كەلگەن بۇ دوكلاتتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى دىنىي ئېتىقاد ساھەسىدە كەڭ كۆلەمدە ئىجرا قىلىنىۋاتقان تۈرلۈك زۇلۇملار، باستۇرۇش ۋە تەقىبلەشلەر سىستېمىلىق بايان قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر بۈۋىلەر ۋە باشقا ساھەدىكى ئاياللارنىڭ دىنىي پائالىيەت ۋە دىنىي كىملىك سەۋەبىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە جازاغا تارتىلىشى ھۆججەتلىك ئىسپاتلار ئاساسىدا بايان قىلىنغان.

پروفېسسور رەيچىل خاررىس بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بۇ دوكلات ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى دىنىي زىيانكەشلىك ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاياللىرى كىچىك ۋاقىتلىرىدا ‹قۇرئان› ئۆگەنگەنلىكى ئۈچۈنلا ئېغىر قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا دىنىي ساھەدىكى يېتەكچىلىك رولىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىكى ئاياللارنىڭ ھەممىسىنى لاگېرلارغا ياكى تۈرمىگە قامىغان» دېگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات بۇ ھەقتىكى باياناتىدا «بۇ دوكلات ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇم ۋە زىيانكەشلىكنى دۇنيا مىقياسىدا ئەيىبلەشنىڭ زۆرۈر بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل زىيانكەشلىك ماھىيەتتە جىنسىي خورلۇق، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش ۋە مەجبۇرىي خىتايلارغا تويلاشتۇرۇش بىلەن بىرلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقتىكى مەركىزىي ۋاسىتىلاردىن بولۇپ قالغان» دەپ كۆرسەتكەن.

دوكلاتتا يەنە ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر، پارلامېنتلار، ئاياللارنىڭ ھەقلىرىنى قوغداش جەمئىيەتلىرى ۋە باشقا پۇقراۋى جەمئىيەتلەرگە ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇچ كېلىۋاتقان دىنىي زىيانكەشلىككە قارشى تۇرۇش يولىدىكى بەزى تەۋسىيەلەرمۇ ئالاھىدە ئورۇن ئالغان.