ئۇيغۇر ئېلىدا ئاتا-ئانىلىرى لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغانلىقتىن قارانچۇقسىز قالغان مىڭلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ تەقدىرى كۈچلۈك ئەندىشە قوزغىماقتا.
بۇ ھەقتە يېقىندىن بۇيان رادىيومىز ۋە باشقا خەلقئارالىق ئاخباراتلار مۇخبىرلىرىنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشى نەتىجىسىدە پۈتۈن ئائىلىسى تۇتقۇن قىلىنغان بالىلارنىڭ ھازىر تۈركۈملەپ قۇرۇلۇۋاتقان دارىلئېتاملارغا يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن خۇددى ئاتا-ئانىلىرىغا ئوخشاشلا بىر قاتار «تەربىيەلەش» تىن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
«زىمىستان» ناملىق دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق تور ژۇرنىلىنىڭ يەرلىك ئۇچۇر مەنبەلىرىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرىغا قارىغاندا، بورتالا شەھىرىنىڭ ئۆزىدىلا 200 دىن ئوشۇق قارانچۇقسىز قالغان بالا يېتىمخانىلارغا يىغىۋېلىنغان ئىكەن. بۇ بالىلارمۇ خۇددى ئاتا-ئانىلىرىغا ئوخشاشلا پارتىيەنى سۆيۈش تەربىيەسى ۋە خىتاي تىلىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ بالىلارنىڭ ئەڭ كىچىكى تېخى ئەمدى 2 ياش ئىكەن.
مەزكۇر تور ژۇرنىلى يەنە كورلا، بورتالا ۋە قۇمۇل شەھەرلىرىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن ئاتا-ئانىلارنىڭ قارانچۇقسىز قالغان بالىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بەزىلىرىنىڭ بوۋا-مومىلىرىغا قالغان بولسا يەنە بەزىلىرىنىڭ يېتىمخانىلارغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى، يەنە بەزى بالىلارنىڭ ئۆزىدىن كىچىك ئىنى-سىڭىللىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى تەمىنلەپ، بىر كېچىدە تىرىك يېتىمغا ئايلانغان ئۇيغۇر بالىلىرى ئۇچراۋاتقان قىسمەتلەرنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقىنى بايان قىلغان.
24-سېنتەبىر كۈنى، «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىمۇ بۇ ھەقتە بىر تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشىنى «ئاللىقاچان تارىختىن يۈتكەن ۋەھشىيانە سىياسەتنى يېڭىۋاشتىن ئىجرا قىلىش» دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.
مەزكۇر ماقالىدە ھازىر ھەرخىل ناملاردىكى دارىلئېتاملارغا ئەۋەتىلىۋاتقان گۆدەكلەرنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا ئوخشاشلا ئۆز ئانا تىلىدىن ۋە ئىسلام ئېتىقادىدىن ۋاز كەچتۈرۈلۈپ، خىتايچە سۆزلەشكە، خىتاي كومپارتىيەسىنى سۆيۈشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. خەۋەردە بۇ ئەھۋال «‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى› دىن بۇيانقى ئەڭ زور ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى» دەپ تەسۋىرلەنگەن.