ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى رايوندا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما زەربە بېرىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ سۆزلەرنى 24- سېنتەبىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ تەيىنلىگەن رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئالدىنقى ھەپتە بايدا يۈز بەرگەن كان ھۇجۇمى ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇ بېيجىڭغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نەشرى قىلىنغان «ئاقتاشلىق كىتاب» نىڭ تارقىتىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشقان ئىدى.
ئۇ مۇنداق دېگەن: جىنايەتچىلەرنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى سادىر قىلىپ مىللەتلەر ئارا ئۆچمەنلىك ئۇرۇقى تېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن زەربە بېرىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز.
شۇ كۈنى يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى شاۋكەت ئىمىن ھىجاب قاتارلىق بىر قىسىم دىنىي كىيىملەرنىڭ «قالاقلىق ۋە ئەسەبىيلىكىنىڭ ئوبرازى» ئىكەنلىكنى بىلدۈرۈپ ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان ئىدى.
