ئۇيغۇر بايلىرى خىتاينىڭ «ئوۋ نىشانى» غا ئايلانغان

پاكىتلاردىن كۆرۈنگىنىدەك، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ئومۇمىيۈزلۈك باستۇرۇشتا، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ روھىنى ئۆلتۈرۈشنى، ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنىڭ ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلىشنى نىشان قىلغان.

13-ئىيۇل «ۋال-سىتېرېت ژۇرنىلى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىيغا قىلچە ئارىلاشمىغان ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنىمۇ «چەت ئەلگە چىققان، تېررورچىلارغا يارەم بەرگەن» دېگەندەك ھەر خىل تۆھمەتلەر بىلەن تۈرمە ياكى لاگېرلارغا قامىغان.

ماقالىدە يېزىلىشىچە، غۇلجادا ئۆي-مۈلۈك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ بېيىغان سادىر ئەلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئايالى ۋە قىزى بىلەن ئاخىرقى قېتىم 2018-يىل تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

«ۋال-سىترېت ژۇرنىلى» گېزىتى ئىگىلىگەن مەلۇماتقا قارىغاندا، ئۇيغۇرلاردىن ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى قىلىنىۋاتقان 4572 كىشىنىڭ ئىچىدە بەشتىن بىر قىسمى سودا-تىجارەتچىلەر، كارخانىچىلار بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن دېگۈدەك ئۇزۇن يىللىق كېسىۋېتىلگەن ياكى لاگېرلارغا قامالغان ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتتىنلا ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى يەنە داۋاملىق تۇتۇپ، بايلىقىنى توڭلىتىپ ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈۋالىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنى يوق قىلىشنى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تەسىرى كۈچلۈك بولغان بايلارنى ۋەيران قىلىشنى پىلانلىغان. بۇ خۇددى ئۆز ۋاقتىدا ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىي بايلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغىنىغا ئوخشايدىكەن.