ئۇيغۇر دىيارىدىكى بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى تېزدىن زورايماقتا

بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قەلىمىدە «ئاسىيانىڭ يۈرىكى» دەپ تەسۋىرلىنىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارى دېڭىز-ئوكياندىن ئەڭ يىراق بىر ماكان بولۇشتەك ئۆزگىچىلىكى بىلەن تونۇلۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەمما يېقىندىن بۇيان بۇ جايدىكى بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى تېز سۈرئەتتە كېڭىيىۋاتقانلىقى بەزى ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىدى.

«دېڭىز يېمەكلىرى مەنبەسى» ژۇرنىلىنىڭ 20-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىڭتۈەن سىستېمىسىنى بازا قىلغان بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى يېقىندىن بۇيان تېزدىن ئېشىشقا باشلىغان. 2024-يىلىنىڭ 1-پەسلىدە بىڭتۈەننىڭ بېلىق مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشى 112 مىليون سوم (تەخمىنەن 15 مىليون ئامېرىكا دوللىرى)غا يەتكەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 12. 4 پىرسەنت ئاشقان. بىڭتۈەن يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىدارىسى ئېلان قىلغان خەۋەردە بۇ سانلارنىڭ قىسقۇچ پاقا، راك، مېرسىن بېلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئېيتىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىلا ئۇيغۇر دىيارىغا يات بولغان دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تۈرلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ.

دەرۋەقە، «قانۇنسىز ئوكيان قۇرۇلۇشى» تۈرى 2023-يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتتا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بازىرىنى تەمىنلەۋاتقان بېلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى خىتايدىن كېلىدىغانلىقى، خىتايدىكى ئەڭ جاپالىق خىزمەتلەرنىڭ بىرى، دەپ قارىلىدىغان دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى تەييارلاش خىزمىتىگە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى كۆپلەپ ئىشلىتىلىدىغانلىقى پاش بولغان ئىدى. ھالبۇكى، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» دىكى ئالاقىدار ماددىلار بويىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ھەرقانداق شەكىلدىكى ئالاقىسى بولغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشى مەنئى قىلىنىدىغان بولغاچقا، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلىگۈچى بىر قىسىم شىركەتلەر بۇ ئەھۋاللار ئاشكارا بولغاندىن كېيىن خىتاي بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى ئۈزگەن ئىدى. نۆۋەتتە بۇ خىل ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئورۇن ئالماشتۇرۇپ، يېڭى بىر ماكانغا يۆتكەلگەن بولۇشى زور دەرىجىدە ئالغا سۈرۈلمەكتە ئىكەن.