ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى ئەندىشىگە سالماقتا
2018.01.20
ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملىشىۋاتقان مىسلى كۆرۈلمىگەن زور كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە تەقىب سىياسەتلىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى جامائەتچىلىكنى، ھەتتا خەلقئارا جەمئىيەتتىمۇ ئەندىشە پەيدا قىلماقتا.
ئۆتكەن يىلىنىڭ مارت ئايلىرىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلار، يۇقىرى قاتلامدىكى زىيالىيلار ۋە يازغۇچىلار، دىنى ساھەدىكى زاتلار ئارقا-ئارقىدىن «ئوچۇق خەت» يېزىشقا مەجبۇرلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە دۆلىتىگە بولغان ساداقىتىنى ئىپادە قىلىشقا سېلىنغان ئىدى. ئارقىدىنلا «مىللىي بۆلگۈنچىلىك»، «دىنىي ئەسەبىيلىك»، «پان-تۈركچىلىك»، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» قاتارلىق قالپاقلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى يۇقىرى قاتلام بىلىم ئادەملىرى، سەرخىللار ۋە چاقىرىق كۈچىگە ئىگە شەخسلەر تۇتقۇن قىلىنىشقا باشلىدى.
ھازىرغا قەدەر تۇتۇپ كېتىلگەن سەرخىللاردىن ئاز بىر قىسمى رادىيومىزدا دەلىللەنگەندىن باشقا كۆپ قىسىم تۇتقۇنلارنىڭ ئىز-دېرىكى مەلۇم ئەمەس.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋە خەلق ئىچىدىكى ھەر خىل ئۇچۇر قاناللىرىدا تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە گەپ-سۆزلەر تارقىلىۋاتقان شىنجاڭ مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى خالمۇرات غوپۇر، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى تاشپولات تىيىپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ باشلىقى ئابدۇراخمان ئەبەي، «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئىشلىگەن داموللا مۇھەممەد سەلەي ھاجىم، خەلق سەنئەتكارى ئابدۇرەھىم ھېيت، شائىر ۋاھىتجان ئوسمان قاتارلىق بىر تۈركۈم يۇقىرى قاتلام ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى تەقدىرى ھەققىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئۇچۇر ئېلىش ئىمكانىيىتى بولمىدى.
ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر ۋە سىياسىي ئانالىزچىلار نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان شەپقەتسىز ھۆكۈمرانلىقىنى «مۇكەممەل ۋە تەڭدىشى يوق ساقچى دۆلىتى» نىڭ ئەڭ يارقىن تىمسالى، دەپ قارىماقتا.