گۇاڭجۇ شەھەر باشقۇرۇش تارماقلىرى بىر ئۇيغۇر بوۋاينى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان

رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە گۇاڭجۇدىكى شەھەر باشقۇرۇش تارماقلىرى مەزكۇر شەھەردە يايمىچىلىق قىلىدىغان بىر ئۇيغۇر بوۋاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇچ ئادەمنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان.

ۋەقە پەيشەنبە كۈنى كەچقۇرۇن گۇاڭجۇ شەھىرى ليىڭ مەيدانى يېنىدىكى سودا - سانائەت بانكىسى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن.

شەھەر باشقۇرۇش خادىملىرى ئۇرغان 3 ئۇيغۇرنىڭ ئىككىسى ياش بولۇپ ئۇلار يارىلانمىغان، ئەمما ئۇيغۇر بوۋاينىڭ بېشى يېرىلىپ، يۈز - كۆزلىرى قانغا بويىلىپ كەتكەن.

بوۋاينىڭ بۇ رەسىمى ۋە نەق مەيدان كۆرۈنۈشى بىر قىسىم خىتايچە مۇنازىرە بەتلىرىگە چاپلانغان.

مەلۇم بولۇشىچە، شەھەر باشقۇرۇش خادىملىرى بۇ ئۇيغۇر بوۋاينى ئۇرۇۋاتقاندا ئەتراپتىكى ئامما غەزەپكە كەلگەن ۋە «ھۆكۈمەت خادىمى ئادەم ئۇردى» دەپ ۋارقىراشقان.

ھالبۇكى، نەق مەيداننى ساقچى قورشاپ، ئاممىنى تارقاقلاشتۇرغان.

رادىئومىز يەرلىكلەرگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئېگىلگەندە، ئۇلار «شۇنداق بىر ئىش بولدى» دەپ گەپ ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا، ساقچىلار مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان.

بۇ ھەقتىكى سۈرەتلەرگە قارىغاندا بوۋاينى قۇتقۇزۇش ماشنى ئېلىپ كەتكەن.