دائىرىلەر چارۋىچىلارنى يايلاقتىن كۆچۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن مەبلەغ سەرپ قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى

يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بايانات ئېلان قىلىپ، چارۋىچىلارنى يايلاقتىن كۆچۈرۈش ۋە مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆتكەن 5 يىلدا جەمئىي 10 مىليارد سوم مەبلەغ سەرپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا ئۆتكەن 5 يىلدا سەرپ قىلىنغان غايەت زور سوممىلىق مەبلەغنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يايلاقلارنى قوغداش، يايلاقتا مال-چارۋا بېقىشنى چەكلەش، چارۋىچىلارنى يايلاقتىن چېكىندۈرۈپ مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىق تۈرلەرگە ئىشلىتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش مەبلىغىدىن بەھرىمەن بولغان ئائىلىلەر 270 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدىن قول ئۈزۈپ، دېھقانچىلىق ياكى ساياھەتچىلىك ئىگىلىكىگە يۈزلەندۈرۈلگەن ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يايلاقلارنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 68 مىليون مو بولۇپ، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن. ھالبۇكى، ئۆتكەن بىرقانچە ئون يىل مابەينىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى 80 % تىن كۆپرەك يايلاقلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ئېغىر ئېكولوگىيەلىك چېكىنىش يۈز بەرگەن.

بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر، دائىرىلەرنىڭ چارۋىچىلارنى يايلاقتىن ئايرىپ مۇقىم ئولتۇراق ھاياتقا كۆچۈرۈشى ئۇيغۇر ئېلىدا ئەزەلدىن چارۋىچىلىق بىلەن دېھقانچىلىق گىرەلىشىپ كەلگەن ئىگىلىك سىستېمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپلا قالماستىن، كۆچمەنلەر ئۈچۈن كەڭ زېمىن ھازىرلايدۇ دەپ قارىماقتا.