رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرى خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىن نەقىل ئېلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىن 50 توننا ئالتۇن زاپىسى بار كان بايقالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
پەرغانە تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 50 توننا ئالتۇن زاپىسى بار كان خېجىڭ ناھىيىسىدە بولۇپ، دەسلەپكى پەرەزلەردە مەزكۇر كاندىكى ئالتۇن زاپىسىنىڭ قىممىتى 100 مىليارد يۈئەن، يەنى تەخمىنەن 6.3 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا توغرا كېلىدىكەن. بۇ جايدىن ئالتۇندىن باشقا يەنە 187 مىليون توننا تۆمۈر زاپىسى ۋە 1.5 مىليون توننا سىنىك زاپىسى بايقالغان.
بۇ جايدا كان ئېچىش ئورنى قۇرۇلۇشقا باشلىغان بولۇپ، بۇنىڭدا 2000 دىن ئارتۇق ئىشچى ئىشلىشى مۇمكىن. ئەمما خىزمەتكە ئېلىنىدىغان ئىشچىلارنىڭ مىللەت تەركىب نىسبىتى ھەققىدە ئۇچۇر يوق.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىن كان بايلىقلىرى داۋاملىق بايقالماقتا ۋە ئېچىلماقتا. بىر جايدىن 50 توننا ئالتۇن بايقىلىشى زور پايدا كەلتۈرىدىكەن.