ئۇيغۇر دىيارى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلانغان

بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىستراتېگىيەسى بويىچە 2023-يىكى ئۇيغۇر دىيارى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى بازىسىغا ئايلانغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2023-يىلى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى خىتايدىكى ئومۇمى ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ 61.4 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن. خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، لاگېر، تۈرمىلەرگە قاماش، مىليونلىغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي مىللەت كىشىلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرۇشى 7-يىلىغا قەدەم قويغان بىر پەيتتە، ئۇنىڭ مەزكۇر رايوننى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇشى دىققەت قوزغىماقتا.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى 2019-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا پارتلىغان كوۋىد-19 ۋىرۇسى يۇقۇمىدىن كېيىن، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش نامىدا ئۇيغۇر دىيارىنى خىتاينىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىستراتېگىيەلىك بازىسى قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۆتكەن يىلنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بېيجىڭنىڭ يوليورۇقىغا ئاۋاز قوشۇپ، كېۋەزلىك كۆلىمىنى ئازايتىش، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى تەلەپ قىلغانىدى.

خىتاينىڭ «شىنخۇا كۈندىلىك تېلېگرافى» نىڭ 7-يانۋار بەرگەن خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، 2023-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 42 مىليون 372 مىڭ موغا يېتىپ، تېرىلغۇ كۆلىمى ئالدىنقى يىلقىدىن 5 مىليون 863 مىڭ مو ئارتقان. بۇ خىتايدىكى ئومۇمى ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ 61.4 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىكەن. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان تۇتقۇنىدا لاگېر، تۈرمىلەرگە قامالغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرى، مەجبۇرىي ئەمگەككە تۇتۇلغان ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نىڭ تېرىلغۇ يەر زېمىنلىرىنىڭ تارتىۋېلىنىپ، خىتاي شىركەتلىرىگە ياكى دېھقانچىلىق فېرمىلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىنى، «ئۇيغۇر ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نىڭ بولسا، بۇ دېھقانچىلىق شىركىتى ياكى فېرمىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى قەيت قىلىشماقتا. «شىنخۇا كۈندىلىك تېلېگرافى» نىڭ ئېيتىشىچە، 2023-يىلى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئومۇمى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى تۇنجى قېتىم 20 مىليون توننا ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ، ئاشلىق ئەڭ كۆپ ئىشلەپچىقىرىلغان بىر يىل بولغان.