خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 11-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 2023-يىلى ئاۋغۇستقا قەدەر ئۇيغۇر دىيارىغا زىيارەتكە كەلگەنلەر 182 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ ھال ئۆتكەن يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىن 52 پىرسەنت ئاشقان بولۇپ، ساياھەتچىلىك ياراتقان قىممەت 200 مىليارد سوم (تەخمىنەن 30 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى) دىن ئېشىپ كەتكەن. ساياھەتچىلىك كىرىمىنىڭ بۇ خىل ئېشىش سۈرئىتى ئۆتكەن يىلدىكىدىن بىر ھەسسە كۆپ بولغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىغا كەلگەن ساياھەتچىلەر قىشلىق قار تېيىلىش، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنى كۆرۈش دېگەندەك تۈرلەرگە ئەڭ كۆپ كەلگەن. ئەمما ھېچقاچان «ساياھەت ماكانى» دەپ قارالمىغان، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەلۇماتلىرىدا ئومۇمى نوپۇسى 20 نەچچە مىليون ئەتراپىدا، دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىغا بىردىنلا بۇنچە كۆپ ساياھەتچىلەرنىڭ كەلگەنلىكى، يەنە كېلىپ بۇ خىلدىكى غايەت زور سانلىق مەلۇماتلارنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۈرۈمچىدە ئۇشتۇمتۇت زىيارەتتە بولغاندا «ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق شىنجاڭ ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى تېخىمۇ ياخشى بايان قىلىش» ھەققىدە كۆرسەتمە بېرىشىدىن كېيىنلا ئوتتۇرىغا چىقىشى بۇ ھەقتىكى تۈرلۈك گۇمانلارغىمۇ ئورۇن ھازىرلاۋاتقانلىقى مەلۇم.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ساياھەتچىلىك كىرىمى» ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىدا ئەكس ئەتكەن يەنە بىر نۇقتا شۇ بولغانكى، بۇ خىل ساياھەتچىلىكنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتى ھەرقاچان خىتاي شىركەتلىرىگە مەنسۇپ بولۇپ كەلگەن. رادىيومىزنىڭ ئىلگىرىكى ئەھۋال ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەنزىرىلىك جايلاردىكى باغ-ۋارانلىرى دەل ئىگىلىرى لاگېرلارغا قامالغاندىن كېيىن مۇشۇ خىل خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ئايدىڭلاشقان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىق قىلىۋاتقان «شىنجاڭ ھېكايىلىرى» ھەققىدىكى بايانلار بۇ جاينىڭ «ئىناقلىق ۋە بەختىيارلىققا چۆمگەن» لىكىنى نامايان قىلىشتا، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنى يوشۇرۇش ۋە ئۇنى پەردازلاپ كۆرسىتىشتە مۇئەييەن ئۈنۈملەرگە ئېرىشىۋاتقان بولسىمۇ، چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى نەق مەيدان مەلۇماتلىرى بۇ ماكاندا قىرغىنچىلىقنىڭ ھېلىھەم يوشۇرۇن رەۋىشتە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى جانلىق كۆرسەتمەكتە.