«WORT» رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ۋەزىيىتى تەتقىقاتچىسى ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا جىددىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ سۆزلەرنى «خىتايدىكى ئۇنتۇلغان خەلق: شىنجاڭ، تېررور ۋە خىتاي دۆلىتى» ناملىق كىتابنىڭ مۇئەللىپى نىك ھولدستوك مەزكۇر رادىئودا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەخسۇس سۆھبەت پروگراممىسىدا ئوتتۇرا قويدى.
ئۇ ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلارغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان تۈركىي تىللىق، خىتاينىڭ غەربىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆلكىدە ياشايدىغان مۇسۇلمان خەلق ئىكەنلىكنى بىلدۈردى.
ئۇ سۆھبەت داۋامىدا رادىئو رىياسەتچىسىنىڭ ئۇيغۇرلار، گۋەنتانامو ۋە بۇ يەرگە قامالغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ خاتا ھالدا تۇتۇپ كېلىنگەن گۇناھسىز كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ تېررورلۇق بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقى، بۇلارنىڭ گۋەنتاناموغا كىرىپ قىلىشىنى بىر بەختسىزلىك دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىش سىياسەتلىرىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلغانلىقى، دىنىي جەھەتتە باستۇرۇلۇشقا ئۇچرىغانلىقى ياكى دۆلەتنىڭ كۆزىتىش ئوبيېكتى قىلىنغانلىقى شۇ سەۋەبتىن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئافغانىستان قاتارلىق ئەللەرگە قېچىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ 2001 - يىلىدىن 2009 - يىلىغىچە، 2009 - يىلىدىن ھازىرقىغىچە بولغان ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىش باھانىسىدە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئۇ رادىئو ئاڭلىغۇچىلار سورىغان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي سىياسىي، مائارىپ، تىل ۋە دىنىي جەھەتتە چەكلەش، باشقۇرۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقى، رامىزان ئايلىرىدا دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى كۆزىتىش ئوبيېكتىغا ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا ھەتتا پروگرامما رىياسەتچىسىمۇ ھەيران قالدى.
ئۇ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مۇئامىلىنىڭ بارا - بارا ناچارلىشىپ بارغانلىقى، نۆۋەتتە ئەڭ ناچار ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋورت رادىئوسى ئامېرىكىنىڭ ۋىسكانسون شتاتى مادىسون شەھىرىدىن تارقىتىلىدىغان يەرلىك رادىئو قانىلىنى. ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۇ 55 مىنۇتلۇق مەخسۇس پروگرامما مەزكۇر قانالنىڭ «جەمئىيەت مەسىلىلىرى» پروگراممىسى بېرىلدى.