«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» 18-ئىيۇن ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدىكى 630 يېزا-قىشلاقنىڭ نامىنى ئۆزگەرتكەن. بۇنىڭ بىلەن «ئىناقلىق»، «ئىتتىپاق» ۋە «بىرلىك» دېگەندەك ناملار ئەسلىدىكى يېزا-قىشلاقلارنىڭ ناملىرى ئورنىغا دەسسىتىلگەن. دوكلاتتا بۇ ھال «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەدەنىيەت، تارىخ ۋە دىنىي مەنىگە يەر-جاي ناملىرى پۈتۈنلەي خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان سۆزلەرگە ئالماشتۇرۇلغان» دەپ كۆرسىتىلگەن.
«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» ۋە نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇريار» فوندى بىرلىكتە تەييارلىغان بۇ دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2009-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى يېزا-قىشلاقلارغا خاس بولغان 3600 يەر نامى ئۆزگەرتىلگەن ياكى قايتا بېكىتىلگەن. بۇلاردىن 630 يېزا-قىشلاقنىڭ ناملىرىدىكى «سەزگۈر» تەركىبلەر، جۈملىدىن «خوجا»، «خانىقا»، «سۇلتان»، «مەسچىت»، «بەگ»، «مازار»، «ئوردا» دېگەندەك ناملار بىردەك «زامانىۋى ئاتالغۇ» لارغا ئالماشتۇرۇلغان. بۇنىڭ بىلەن «قىزىل يۇلتۇز»، «قىزىل بايراق»، «بەخت»، «دوستلۇق» دېگەندەك سىياسىي مەنىگە ئىگە يېڭى ناملار بارلىققا كەلگەن. «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» خىتاي بۆلۈمىنىڭ مۇۋەققەت دىرېكتورى مايا ۋاڭ بۇ ھەقتە توختىلىپ، «بۇ خىلدىكى نام ئۆزگەرتىش قىلمىشى ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا خاس مەدەنىيەت ۋە دىنىي چۈشەنچىلەرنى ئۆچۈرۈش ئۇرۇنۇشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇر مەنبەلىرىگە بولغان قاتتىق كونتروللۇقى تۈپەيلىدىن بۇ خىلدىكى نام ئۆزگەرتىشنىڭ شۇ جايدىكى ئۇيغۇر ئاھالىسىگە قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى دەلىللەشكە مۇمكىن بولمىغان. ئەمما «ئۇيغۇر يار» فوندى ئىلگىرىكى يىللاردا ئاشۇ خىل نامى ئۆزگەرتىلگەن يېزىلاردا ياشاپ باققان بىر قىسىم كىشىلەرنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق بۇنىڭ ئەقەللىيسى كۈندىلىك ھاياتقا كۆپلىگەن قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بايقىغان: مەسىلەن، بىرەيلەن لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن يېزا نامىدىكى ئۆزگىرىش تۈپەيلىدىن ئۆيىگە قايتىشقا ئىلاج قىلالمىغان؛ يەنە بىرەيلەن بولسا ھۆكۈمەت سىستېمىسىغا تىزىمغا ئالدۇرۇشتا نام ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن كاشىلىغا ئۇچرىغان. يەرلىك ئۇيغۇرلار بۇ خىلدىكى نام ئۆزگەرتىشلەرنىڭ ئەبەدىي بولۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بىر قىسىم يېزا ناملىرىنى خەلق ناخشىلىرى شەكلىدە ئېيتىش ئارقىلىق ئۆز خاتىرىسىدە ساقلاپ قالماقچى بولغان.
مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن «ئامېرىكا ئىسلام مۇناسىۋىتى كېڭىشى» (CAIR) مۇ بۇنى كەسكىن تەنقىدلىگەن. مەزكۇر كېڭەشنىڭ ئۇچۇر ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى ئىبراھىم خۇپېر (Ibrahim Hooper) «بۇ خىلدىكى نام ئۆزگەرتىش قىلمىشى شۈبھىسىزكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇلارغا خاس ئىسلامىي مىراسلارنى يوقىتىش ئۇرۇنۇشىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت، بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسى بۇ خىل قىرغىنچىلىق خاراكتېردىكى قىلمىشلارنى توختىتىشقا جىددىي ھەرىكەت قىلىشى لازىم» دېگەن.