خىتاي ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ ساھەسىگە نەچچە مىليارد يۈەن مەبلەغ سالغانلىقىنى بىلدۈردى

ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدىن چەكلەنگەنلىكى خەۋەر قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ ساھەسىگە سالغان مەبلەغلىرىنىڭ نەچچە مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈلگەنلىكىنى پەش قىلىشقا باشلىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 4-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، 2014-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ ساھەسىگە سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ 12 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يەتكەن. بۇ مەبلەغلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىدىكى مائارىپ ئاساسىي مۇئەسسەسىلىرىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىلگەن.

خەۋەردە بۇ مەبلەغلەرنىڭ ئاساسەن «خەتەرلىك قۇرۇلۇشلارنى چېقىش، ئوقۇغۇچىلار ياتىقى سېلىش ۋە مائارىپ ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىلگەن» لىكى كۆرسىتىلگەن.

خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش «قوش تىل مائارىپى» غا سېلىنىدىغان مەبلەغنىمۇ ھەسسىلەپ كۆپەيتىپ، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنى مەركەز قىلغان رايونلاردا قوش تىل يەسلى قۇرۇلۇشىنى كەڭ كۆلەمدە كۈچەيتكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئۆتكەن يىلى دېكابىردىكى باياناتىدا ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىللىق يەسلىلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى سانىنىڭ 2 مىليوندىن ئاشقانلىقى قوش تىللىق يەسلى ئومۇملىشىش نىسبىتىنىڭ 90 پىرسەنتكە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

شىنخۇا تورىنىڭ بۇ يىل ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئۆزىدە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىرلىشىپ «قوش تىللىق مائارىپ» ساھەسىگە 28 مىليارد 960 مىليون مەبلەغ سالىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش «قوش تىل مائارىپى» ۋە باشقا مائارىپقا سېلىنىدىغان مەبلەغلىرىنى ھەسسىلەپ كۆپەيتكەن پەيتلەردە، خوتەن ۋىلايىتى بىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ خوتەندىكى بارلىق مەكتەپلەردە بىر تۇتاش چەكلەڭەنلىكىنى، بۇندىن كىيىن خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە بارلىق دەرسلەرنىڭ خىتاي تىلىدا ئوقۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر بەلگىلىمىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىقياسىدا يولغا قويۇلغانلىقى، ياكى خوتەن دائىرىسىدە چەكلىنىدىغانلىقى ھازىرچە دەلىللەنمىگەن بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر خەۋەر ئۆتكەن ھەپتە رادىئومىز ئارقىلىق ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خەلقئارا ئاخباراتلاردا غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.