خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كارنىيى بولغان «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» نىڭ 22-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى جاڭ گوچىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا «رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ھەققىدىكى يوليورۇقلىرىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەمدە پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى تولۇق ئىجرا قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى زور كۈچ بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم» دەپ كۆرسەتكەن. شۇنداقلا بۇنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئەمىنلىك ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق بەرپا قىلىشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، جاڭ گوچىڭ ئىككى كۈنلۈك تەكشۈرۈشتە ئۈرۈمچى، سانجى، قەشقەر قاتارلىق جايلارغا بارغان ھەمدە بىر قىسىم سانائەت بازىلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەن. بۇ جەرياندا نۆۋەتتىكى تەرەققىياتنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات» مېخانىزمى بويىچە ئىش كۆرۈش لازىملىقىنى، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ بۇ جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان تەكىتلەپ كېلىۋاتقان «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات» ئىزچىل تۈردە «خەلق ئاممىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئارزۇسىنى قاندۇرۇش يولىدىكى ئېھتىياجنى قامداش» دەپ چۈشەندۈرۈلۈپ كەلمەكتە. ئەمما بۇ يەردە «خەلق ئاممىسى» دېيىلگەندە بۇنىڭ ئالدى بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ۋە بارلىق سىياسەتنىڭ ئۇلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن يولغا قويۇلىدىغانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ھازىر ئاساسلىق ئېنېرگىيە بازىسى بولۇشتىن باشقا يەنە «مەركەزلەشكەن سەككىز چوڭ سانائەت» ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇش پىلانى ئىزچىل تۈردە «شىنجاڭغا ياردەم» دېگەن نامدا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى سانائەتلەر ۋە شىركەتلەر نۇرغۇنلىغان «ئېتىبار سىياسەتلىرى» دىن بەھرىمەن بولغان ھالدا ئۇيغۇر دىيارىدا زاۋۇت-كارخانىلارنى ئېچىش، شۇنىڭدەك ئىچكىرىدىن مىڭلىغان ساندا خىتاي ئىشچىلىرىنى ئېلىپ كېلىش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ» تورى 23-نويابىر بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر بېرىپ، «شىنجاڭدىكى رەقەملىك ئىقتىساد ساھەسى 210 مىڭ كەسىپ ئەھلىگە جىددىي موھتاج» دەپ خەۋەر بەرگەن ھەمدە ئۇلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يۆتكەپ كېلىش زۆرۈرلۈكىنى ۋاسىتىلىك ھالدا ئىشارە قىلغان.