ئۇيغۇرلارنىڭ گېن ئەۋرىشكىسىنىڭ توپلىنىشى خىتايچە مەتبۇئاتلاردىمۇ مۇنازىرە قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017-12-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا «ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈش» نامىدا پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ گېن ئەۋرىشكىسى ھەمدە بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرىنى توپلىشى، شۇنىڭدەك بۇ ئۇچۇرلارنى سىستېمىلىق شەكىلدە ئارخىپلاشتۇرۇپ چىققانلىقى ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان دۇنيادىكى ھەرقايسى چوڭ مەتبۇئاتلاردىن كەڭ يەر ئالغان ئىدى. نۆۋەتتە بۇ ھەقتىكى مۇھاكىمىلەرنىڭ چەتئەللەردىكى خىتايچە ئاخبارات ساھەسىدىمۇ قىزىق تېمىلاردىن بىرى بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئامېرىكىدىكى «بۈيۈك ئېرا» تورى بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەر ھەققىدە مۇتەخەسسىسلەر بىلەن سۆھبەت ئۇيۇشتۇرغان. بۇ ھەقتىكى سۆھبەتكە ئىشتىراك قىلغۇچىلاردىن بىرى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن: «خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىدە بىئولوگىيەلىك قورال ياساش، ئۇيغۇرلارنى ئورگان كۆچۈرۈشنىڭ مەنبەسى قىلىش، پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش قاتارلىق ئۈچ مەقسەت كۆزلەنگەن» دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىكى قارمىقىدىكى ساغلاملىق تەربىيەسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ سابىق مۇدىرى چېن بىڭجوڭ «بۈيۈك ئېرا» غا قىلغان سۆزىدە «بەدەن تەكشۈرتۈشتە پەقەت پەۋقۇلئاددە ئەھۋال كۆرۈلگەندىلا ئاندىن ئەۋرىشكە توپلىنىدۇ. ئەۋرىشكە توپلاشقا بولسا غايەت زور مەبلەغ سەرپ قىلىنىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوق بۇنچە زور مىقداردا پۇل خەجلەپ ئەۋرىشكە توپلىشىدا گۇمانلىق نۇقتىلار بەك كۆپ» دېگەن.

بېيجىڭدىكى ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى خۇ جيا بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بۇ خىلدىكى ئەۋرىشكە توپلاشتا ئادەتتە جىنايەتچىلەر نىشان قىلىنىدۇ. ئەمدىلىكتە پۈتكۈل ئۇيغۇرلار بۇ شەكىلدە ئەۋرىشكە توپلاشنىڭ نىشانى بولۇپ قالماقتا» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «مۇقىملىقنى ساقلاش» دېگەن نام ئاستىدا بۇ تەدبىرنىڭ كېيىنچە تىبەتلەر ۋە خىتاي پۇقرالىرىغىمۇ كېڭىيىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت