دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ ئۆرلىگەنلىك خەۋىرىگە گۇمان بىلەن قارىماقتا

ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ ئۆرلىگەنلىكىنى بىلدۈردى. تەڭرىتاغ خەۋەرلەر تورىدىن بېرىلگەن خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2013-يىلى بىرىنچى پەسىلدە شەھەر، بازارلاردا خىزمەتكە ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى 127 مىڭغا يېتىپ، ئالدىنقى ئوخشاش مەزگىلدىن ئۆرلىگەن ۋە نەتىجىدە، بىر يىل ئىچىدە 400 مىڭ كىشىنى شەھەر، بازاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ 32 پىرسەنتكە يېقىنى ئەمەلگە ئېىشىپ بولغان.

خەۋەردە يەنە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ چۈشكەنلىكى يەنى ئاپتونوم رايوندا تىزىملىتىغان ئىشسزلىك نىسبىتىنىڭ 2.72 پىرسەنتكە تۆۋەنلەپ، مۆلچەرلەنگەن 4 پىرسەنتنىڭ ئاستىغا چۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. يۇقىرىدىكى ستاتىستىكا ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك كۈچى ۋە جەمئىيەت پاراۋانلىق ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەرقايسى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئەمما ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر يۇقىرىدىكى رەقەملەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى يورۇتۇپ بېرەلمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. يېقىندا ئۇيغۇر رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ 80 پىرسەنتكە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغاندا، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى بۇ رەقەملەرنىڭ ئىشەنچسىزلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ ھېلىھەم تۆۋەنلىكى، خىزمەتكە ئورۇنلاشقانلىرىنىڭمۇ ئىنتايىن تۆۋەن دەرىجىلىك خىزمەتلەرگە ئېلىنىپ، ئوقۇغان كەسىپلىرىنى ئىشلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچمەن يۆتكەشنى، بۇنىڭ ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى نامى ئاستىدا ئىچكىرىگە يۆتكەشنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرماقتا.