ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئومۇمىي ھاۋا قاتناش يولى سانى 589 غا يەتكەن

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى خەلقئارالىق، خىتاي ۋە رايون ئىچىدىكى ئومۇمى ھاۋا قاتناش يولىنىڭ سانى 589 غا يېتىپ بارغان. خىتاي تاراتقۇلىرى بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ھاۋا قاتنىشى تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقانلىقىنى قەيت قىلماقتا.

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن بىر يىلنىڭ ئۆزىدىلا 94 يېڭى ھاۋا قاتناش يولى ئېچىلغان. ئۇيغۇر ئېلى ھاۋا قاتناش يولى سانىنىڭ تېز سۈرئەتتە كېڭىيىشى، خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنى بىلەن بىر ۋاقىتتا، رايونغا نۇرغۇن خىتاي كارخانىلىرىنى كۆچۈرۈپ چىقىشى، ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىشنى تېزلىتىپ، رايوندا يېڭى ئېنېرگىيە ماتېرىياللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەككىز چوڭ سانائەت بازىسى بەرپا قىلىشقا كىرىشكەن، شۇنىڭدەك رايوننىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىگە كۆپلەپ مەبلەغ سېلىپ، خىتاي نوپۇسىنى كۆچۈرۈشنى تېزلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر نوپۇسىنى كونترول قىلىش ۋە تارقاقلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش بىلەن ماس قەدەمدە ماڭغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2017-يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى تاشقورغان، كېرىيە، كۇچا قاتارلىق ناھىيەلەرگىمۇ يېڭى ئايرودۇرۇم سېلىپ، ناھىيەلەرنىمۇ ھاۋا يولى ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە تۇتاشتۇرغانلىقى مەلۇم. «خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، 2024-يىلى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاۋىياتسىيە تورى قۇرۇلۇشى تېخىمۇ تېزلىشىپ، «شىنجاڭنىڭ ئىچىنى قاپلىغان، شىنجاڭغا كىرىش-چىقىش تېخىمۇ تېزلەشكەن، شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىغا سوزۇلغان، چېگرادىن كىرىش-چىقىش بىرلەشكەن ئۈرۈمچى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە زەنجىرىنى مەركەز قىلغان ئاۋىياتسىيە تورى ئاساسەن شەكىللەنگەنلىكى» نى بىلدۈرگەن.

ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئېلى ھاۋا قاتنىشى تورىنىڭ كېڭىيىشى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە بېغى ھەم نوپۇسنىڭ ئېقىشىنى قولايلاشتۇرۇپلا قالماي، ئۇيغۇر ئېلىگە «قىزىل ساياھەت تۈرلىرى» نى تەشكىللەپ، ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى «نورمال» كۆرسىتىشى، ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىغا دائىر ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىشىغا قولايلىق ياراتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا. «خىتاي خەۋەرلىرى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ئۈرۈمچى، قەشقەر، غۇلجا قاتارلىق ئۈچ چوڭ خەلقئارالىق ئايرودۇرۇم بار بولۇپ، 57 خەلقئارالىق ھاۋا يولىنىڭ 28 يولۇچىلار لىنىيەسى، 29 خەلقئارالىق يۈك ھاۋا لىنىيەسى بار ئىكەن.