خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، 2024-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنىگە قەدەر ئۇيغۇر ئېلىدىن توشۇپ كېتىلگەن كۆمۈر مىقدارى 14 مىليون توننىدىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 71.3 پىرسەنت كۆپەيگەن.
خەۋەردىن قارىغاندا، خىتاينىڭ «دۆلەتلىك ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنېرگىيە ۋە خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى» بۇ جەھەتتە «شىنجاڭ كۆمۈر تىرانسپورتى» نىڭ توپلاشتۇرۇلغان تەمىنلەش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، كۆمۈر ئېكسپورت بازىرىنى داۋاملىق كېڭەيتىشنى پىلانلىغان. دائىرىلەر يەنە خىتاي تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ ئۈرۈمچى تارماق ئىدارىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆمۈرىنى ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەيدىغان مەخسۇس «شىنجاڭ كۆمۈر تىرانسپورت لىنىيەسى» نى ئاچقان.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بايلىقلىرىنى ئېچىش ۋە يۆتكەش خىزمەتلىرىنى تېزلەشتۈرۈۋاتقان بولۇپ، تۈرلۈك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق كونا ۋە يېڭى ئېنېرگىيە بايلىقلىرىنى غايەت زور كۆلەمدە قېزىشنى تېزلىتىۋاتقانلىقى مەلۇم.
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆمۈرى خىتاي مىقياسىدىكى 14 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە شەھەرنى قامداۋاتقان بولۇپ، پەقەت 2024-يىلى 1-ئايدىن 8-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتىلا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي مىقدارى 60 مىليون توننىدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ كۆمۈرنىڭ قانچىلىكى ئۇيغۇر ئېلىدە كۆيدۈرۈلۈپ «پاكىز ئېنېرگىيە» گە ئايلاندۇرۇلغاندىن كېيىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇپ كېتىلگەنلىكى ھازىرغىچە نامەلۇم.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرى نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان مۇشۇ تەرىقىدە «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش»، «غەربنىڭ توكىنى شەرققە يۆتكەش» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇلۇۋاتقان بولغاچقا ئۇيغۇر ئېلى ئىزچىل تۈردە «خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە ئامبىرى» دەپ قارالماقتا. شۇ سەۋەبتىنمۇ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى دەل مۇشۇ بايلىق بولۇۋاتقانلىقى يېقىنقى مەزگىللەردە ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغانلىقى مەلۇم.