ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تاشقى ئېكسپورتىدىكى ئارتىشى بۇ سودىنىڭ ماھىيىتىگە سوئال قويماقتا

غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبىدىن ئېمبارگوسى ۋە بايقۇت قىلىشىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېكسپورت-ئىمپورت سودىسىدىكى ئارتىش، بۇ سودىنىڭ ماھىيىتىگە سوئال پەيدا قىلماقتا. خىتاي تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تاشقى ئېكسپورت-ئىمپورتى بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 11 ئېيىدا 24.7 پىرسەنت ئارتىپ، 56 مىليارد 700 مىليون دوللارغا يېتىپ بارغان. ھالبۇكى، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاموژنا سانلىق مەلۇماتلىرىدا، رايوننىڭ يېقىنقى 11 ئايلىق ئېكسپورت-ئىمپورت سودىسىدا ئېكسپورتنىڭ مۇتلەق كۆپ مىقدارنى ئىگىلەيدىغانلىقى، ئېكسپورت سودىسىنىڭ 48 مىليارد 250 مىليون دوللار، ئىمپورت مىقدارىنىڭ ئاران 8 مىليارد 440 مىليون دوللارنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

خىتاينىڭ بۇ تاموژنا سانلىق مەلۇماتى ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئارقىلىق رۇسىيەگە كۆپلەپ ھەربىي لاۋازىمات ئېكسپورت قىلىۋاتقانلىقى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ياۋروپا بازىرىغا چىقارغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق شوخلا قىيامى، پاختا ۋە باشقا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەش چۇقانلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە ئېلان قىلىنماقتا.

ھالبۇكى، ئامېرىكا مەخسۇس قانۇن چىقىرىپ، «شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرى» نىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلىگەن، شۇنداقلا ئۇنىڭ قارا تىزىملىكىدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ مېڭىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تاموژنا سانلىق مەلۇماتىدا بۇ يىل 1-ئايدىن 11-ئايغىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەگە يوللىغان مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 600 پىرسەنت، ئۇنىڭ كانادا، ياپونىيە، گېرمانىيەگە يوللىغان مەھسۇلاتىنىڭ 200 پىرسەنت ئارتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما خىتاي تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنىڭ راستلىقىنى مۇستەقىل مەنبەلەر تەرىپىدىن دەلىللەش مۇمكىنچىلىكى بولمىدى. ھالبۇكى، خوڭكوڭدا چىقىدىغان «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 22-دېكابىر بەرگەن بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاي تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېكسپورت-ئىمپورت سودىسىدىكى بۇ ئارتىشتا قايسى مەھسۇلاتلارنىڭ ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىغا چۈشەنچە بەرمىگەنلىكى، ئەمما ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېلېكتىر ئەسۋابلىرىنى، كىيىم-كېچەك ۋە باشقا توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. ھالبۇكى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ كارخانىلار ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئومۇملاشقان ساھەلەر ئىكەن.