ئۇيغۇر ئېلى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بازىسى بولۇپ قالدى

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 21-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 2024-يىلىدا ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتايغا يوللانغان توك مىقدارى 126 مىليارد كىلوۋاتتىن ئاشقان بولۇپ، يىللىق توك يوللاش مىقدارى ئۇدا بەش يىلغىچە 100 مىليارد كىلوۋاتتىن چۈشمىگەن. خەۋەردە توك يوللاش مىقدارىنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلىغا بەش پىرسەنتكە يېقىن ئېشىپ ماڭغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن ھەمدە «شىنجاڭ نۆۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە كاپالەت بازىسى بولۇپ قالدى» دەپ تەرىپلەنگەن. خىتايدا ھازىر بىر كىلوۋات توكنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 50 تىيىن ئەتراپىدا بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېلېكتىر قۇۋۋىتى ھاسىل قىلىش يىللاردىن بۇيان كۆمۈرنى كۆيدۈرۈپ توك ھاسىل قىلىش، شامال ئېنېرگىيەسىنى توكقا ئايلاندۇرۇش، قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن توك ھاسىل قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن ئىشقا ئېشىپ كەلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىدىغان تۈرلەر ھېسابلىنىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى بۇ ساھەدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ تەتبىقلىنىشى ئېغىر بولۇپ، نۆۋەتتە بۇنىڭ كونكرېت دەرىجىسىنى باھالاش قىيىن مەسىلىلەردىن بولۇپ قالماقتا.

گەرچە ئۇيغۇر ئېلى ئەنە شۇ تەرىقىدە خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بازىسى بولۇپ قالغان بولسىمۇ، بۇ جايدىكى مىليونلىغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قىشتا ئىسسىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقى، شۇنىڭدەك تېخى ئېلېكتىر قۇۋۋىتى بارمىغان مىڭلىغان ئۇيغۇر كەنتلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى خىتاينىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تىپىك ئىپادىلىرىدىن بىرى، دەپ قارالماقتا.