ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۇ يىللىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ 20 مىليون توننادىن ئاشقانلىقى قەيت قىلىنماقتا
2023.12.15
ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ بېيجىڭ دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاينىڭ ئاساسلىق يېزا-ئىگىلىك ۋە ئاشلىق بازىسىغا ئايلاندۇرۇش پىلانىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۇ يىللىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى 20 مىليون توننادىن ئاشقانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۇ يىللىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۆتكەن يىلقىدىن 3 مىليون 550 مىڭ توننا ئارتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
بېيجىڭ دائىرىلىرى 2021-يىلى باشلانغان كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك قامالدىن كېيىن، ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاينىڭ ئاساسلىق يېزا-ئىگىلىك بازىسىغا ئايلاندۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا، رايوندىكى كېۋەزلىك كۆلىمىنى قىسقارتىپ، بىر قىسىم كېۋەزلىكلەرگە ئاشلىق تېرىشنى، شۇنداقلا يېڭىدىن ئاشلىق تېرىلغۇ يەرلىرىنى ئېچىپ، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى بۇيرۇغان ئىدى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كېۋەزلىك كۆلىمىنى ئازايتىپ، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى كېڭەيتىشى، ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك سەۋەبىدىن خىتاينىڭ ئاساسلىق پاختا بازىسى بولغان ئۇيغۇر رايونىنىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىگەن ياكى بايقۇت قىلغان بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەينى ۋاقىتتا تاراتقۇلار خىتاينىڭ كېۋەزلىك كۆلىمىنى ئازايتىشىدا ئامېرىكانىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» نى چەكلىشىنىڭمۇ بەلگىلىك تەسىرى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. خىتاي يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىقى تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق ۋە يېزا-كەنت نازارىتىنىڭ بىر ئەمەلدارى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمىنى كېڭەيتىش ۋە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشتا «تېرىلغۇ كۆلىمىنى كېڭەيتىش، تېرىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، كۆپ خىل تېرىقچىلىق كۆرسەتكۈچىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر» نى قوللانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى خىتاي ئومۇمىي ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ 67 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىكەن. خىتاينىڭ نوقۇل ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى قوغلىشىپ، تېرىلغۇ يەرلەرنى كەڭ كۆلەملىك كېڭەيتىشىنىڭ رايوندا ئەزەلدىن جىددىي مەسىلە بولغان سۇ قىسلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى، سۇ ئامبارلىرى بىڭتۈەن تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدىغان بۇ رايوندا ئۇيغۇر ئولتۇراق نۇقىتىلىرىنىڭ كۈندىلىك سۇ مەسىلىسىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقىدەك بىر ئەندىشىنى پەيدا قىلماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 11-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە رايوندا سۇغۇرۇش ئىشلىرىغا كەتكەن سۇ، ئۆتكەن يىلقىدىن بىر مىليارد 800 مىليون كۇب مېتىر ئارتقان.