ئۇيغۇر ئەمەلدار «سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە» گە ئېغىر خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-03-26
Share

ئىلى ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى بويىچە 4 كىشىنى جازالىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر نەپىرى ئۇيغۇر. ئەخمەتجان مەمەت ئىسىملىك بۇ ئۇيغۇر ئىلى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، دېھقانچىلىق ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ئىكەن.

خىتاي خەۋەرلەر تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، دائىرىلەر ئەخمەتجاننى «سىياسىي مەيدانى كەمچىل، پارتىيەگە سادىق بولمىغان، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغان؛ پارتىيە ئىنتىزامى ۋە دۆلەت قانۇنىغا پىسەنت قىلمىغان» دېگەنلەر بىلەن ئەيىبلىگەن. ئەيىبنامىدە يەنە، ئۇنىڭ «كادىر ۋە خىزمەتچىلەرنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۆستۈرۈشكە ئارىلاشقانلىقى، كوللېكتىپ بايلىقىنىڭ تەقسىملىنىشىگە ئارىلاشقانلىقى شۇنداقلا ئۆيلەرنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا بۆلگەنلىكى» مۇ ئەسكەرتىلگەن.

دىققەت قوزغايدىغىنى، بۇ نۆۋەت جازالانغان 4 كىشى ئىچىدىكى بىردىن-بىر ئۇيغۇر بولغان ئەخمەتجاننىڭ جازاسى باشقا خىتاي ئەمەلدارلاردىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئېغىر بولغان. ئۇنىڭدا ئەخمەتجاننىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلىرىنىڭ بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ، «پارتىيە ئەزالىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش، پېنسىيە تەمىناتىنى بىكار قىلىش، ؛ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش، چىرىكلىك، پارىخورلۇق ۋە باشقا جىنايى قىلمىشلىرىنى ئەدلىيە ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش» قاتارلىقلار بىلەن جازالانغان. قالغان خىتاي ئەمەلدارلار بولسا ئاساسەن ۋەزىپىسىدىن بوشىتىلىش، پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلىشتەك جازالار بىلەن جازالانغان.

ئۇيغۇر ئېلىدە 2016-يىلىدىن باشلاپ، نۇرغۇن ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرى «پارتىيەگە سادىق بولماسلىق، سىياسىي مەيدانى كەمچىل بولۇش» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلىش» دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.