«خىتاي خەۋەرلەر تورى» دىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ دۆلەتلىك نېفىت ۋە تەبىئىي گاز تۇرۇبا تورى گۇرۇھى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىپ، خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
26-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي دۆلەتلىك نېفىت ۋە تەبىئىي گاز تۇرۇبا تورى گۇرۇھىنىڭ مەسئۇلى جاڭ ۋېي بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ «ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش قەدىمىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى، ئەلا سۈپەتلىك ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن.
دۆلەتلىك نېفىت ۋە تەبىئىي گاز تۇرۇبا تورى گۇرۇھىنىڭ مەسئۇللىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ «كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق مۇھىم ئېنېرگىيە بايلىق كەسپىنى كېڭەيتىشى ۋە كۈچەيتىشىنى، شىنجاڭدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز تۇرۇبا تورى ئۇل ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ سېلىشنى ئاشۇرۇشى» نى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ بۇنى ھەر جەھەتتىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشىنى ئاشۇرۇش نۆۋەتتە ئىقتىسادىي جەھەتتە چېكىنىۋاتقان خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ماددىي ئېھتىياجىدىن بىرى بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇنداقلا بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر ئېلىگە تېخىمۇ كۆپ نوپۇس ۋە تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنى يۆتكەپ كېلىشكە لازىملىق ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قامداش يولىدىكى زور پىلاننىڭ بىر پارچىسى، دەپ قارالماقتا. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان يىغىندىمۇ غەرب-شەرق تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى تۆتىنچى لىنىيەسى قاتارلىق دۆلەتلىك ئىستراتېگىيە تۈرلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ تېزلىتىش ھەققىدە مۇزاكىرىلەر بولغان.
خىتاي دائىرىلىرى تېخى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ «جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ تەبىئىي گاز ئاممىۋى تۇرۇبا يولىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى تۈرىنى تېزلىتىش» نى مۇزاكىرە قىلغان ئىدى.