يەتتە ياشلىق ئوغلىنى ئېلىپ قاچقان خىتاي قاراقچى ۋە ئۇنى جازاغا تارتمىغان داليەن ساقچىلىرى ئۈستىدىن داۋا قىلىۋاتقان ئۇچتۇرپانلىق ئەرزدار ئايال نۇرۇنگۈل توختى، بۇلتۇر 7-ئاينىڭ 4-كۈنى «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈش» گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى.
ئۇ 14 ئاي قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۆتكەن ئاينىڭ 25-كۈنى قويۇپ بېرىلگەن. تۇتقۇن قىلىنغان دەسلەپكى ئىككى ئايدا ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن سوراق قىلىنغان نۇرۇنگۈل توختى، سوراقتىن كېيىن ئۇنىڭغا ھېچقانداق گۇناھ ئارتالمىغان بولسىمۇ، كېيىنكى 12 ئاي مەزگىلىدە ئۈستىدىن ھېچقانداق بىر سوت ئېچىلماستىن، ئۇچتۇرپان قاماقخانىسىدا داۋاملىق ھالدا تۇتۇپ تۇرۇلغان.
نۇرۇنگۈل توختى قاماقخانىدىن قويۇپ بېرىلگەن كۈنى يەنە، خىتاي ساقچىلىرىغا مەيدانىنى ئېنىق ئىپادىلەپ، ئوغلىنى ئېلىپ قاچقان خىتاي قاراقچى ئۈستىدىن ئەرزىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
2009-يىلنىڭ ئاخىرى نۇرۇنگۈل توختىنىڭ 7 ياشلىق ئوغلى ئابباس تاھىر داليەندىكى بىر خىتاي قاراقچى تەرىپىدىن ئاپقېچىپ كېتىلگەن. نۇرۇنگۈل توختى ئوغلىنى خىتاي قاراقچىنىڭ قولىدىن ئۆز پەم-پاراسىتى ۋە جاسارىتىگە تايانغان ھالدا قۇتقۇزۇۋالغان؛ ئەمما داليەن ساقچىلىرى پاكىتلار ئېنىق تۇرغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ مەزكۇر قاراقچىنى جىنايى جازاغا تارتمىغان ئىدى.