ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، 61 مىڭدىن ئارتۇق 5G پونكىتى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئابونت سانى 15 مىليون 644 مىڭغا يەتكەن.
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە 5G تورىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئالاھىدە مەبلەغ چىقىرىۋاتقان بولۇپ، دائىرىلەر ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان ھالدا بۇ تورنى پۈتۈن ناھىيە ۋە ساياھەت ئورۇنلىرىغا يەتكۈزۈپ بولۇشنى نىشان قىلغان ئىدى.
خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بۇ يىل 6-ئايغىچە كۆچمە تېلېفون ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 30 مىليون 571 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 5G ئابونت سانى 15 مىليون 644 مىڭغا يەتكەن ئىكەن.
5G تورى پەقەت سانائەت، ساياھەتچىلىك كەسىپلىرىدىلا ئىشلىتىلىپ قالماستىن، خىتاينىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى تەقىپ-نازارەت سىستېمىسىنى تېخىمۇ ئىلغارلاشتۇرۇش، «بىر تۇتاش باشقۇرۇش سۇپىسى» نى ئاكتىپلاشتۇرۇش، ھۆكۈمەت، ھەربىي ۋە ساقچى ئورۇنلىرىنىڭ ئىچكىي قىسمىدىكى ئۇچۇر-ئالاقىنىڭ تېخىمۇ تېز، راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلىۋاتقان ئىدى.
«مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى جېففىري كېين ئىلگىرى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5G نى ھەددىدىن تاشقىرى دەرىجىدە كېڭەيتىپ، ئۇنى ئۇيغۇر ئىلىدا ئۇيغۇر نوپۇسىنى نازارەت قىلىش ۋە كونترول قىلىش قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.