ئۇيغۇر ئېلىدىكى گۆش ئىشلەپچىقىرىشى تېز سۈرئەتتە ئاشۇرۇلماقتا

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى 29- فېۋرالدىكى خەۋەرلىرىدە، 2023-يىلى ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ گۆش، تۇخۇم ۋە سۈت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ئالدىنقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن زور دەرىجىدە ئاشقانلىقىنى خەۋەر قىلغان.خەۋەردە دېيىلىشىچە، رايوندىكى گۆش ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تۇنجى قېتىم ئىككى مىليون توننىدىن ئاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئېشىش نىسبىتى پۈتۈن خىتايدىكى گۆش ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئېشىش نىسبىتىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ بولغان. خىتاي تاراتقۇلىرى بۇنى تەنتەنە قىلىپ «كىشىلەرنىڭ گۆش يېيىش ئەركىنلىكى تېخىمۇ مۇقىم كاپالەتكە ئىگە بولدى» دەپ يازغان.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوي سانى ۋە قوي گۆشى ئىشلەپچىقىرىشى خىتاي بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا، كالا سانى ۋە كالا گۆشى ئىشلەپچىقىرىشى خىتاي بويىچە 5-ئورۇندا تۇرىدىكەن. ئەمما ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى كۆپلىگەن ئۇچۇرلار يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا قوي ۋە كالا گۆشى باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆسۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئادەتتىكى ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ بازاردىن گۆش ئېلىپ يېيىشىنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىۋاتقانلىقى مەلۇم.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، دائىرىلەر بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر ئىلىدا كالا ۋە قوي گۆشى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلىش، گۆش ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن باقمىچىلىقنى كۈچەيتىدىكەن ۋە يەنىمۇ كۆپلەپ باقمىچىلىق رايونلىرىنى بەرپا قىلىدىكەن. شۇڭا نۆۋەتتە بۇ خىل باقمىچىلىقنىڭ تەمىنلەش ئوبيېكتى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئاھالە بولۇۋاتقانلىقى ئالغا سۈرۈلمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى خەۋەرلىرىدە بۇنىڭ دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ رايون ئېكولوگىيەسىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى ھەققىدە توختالمىغان.خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاينىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى بازىسى قىلىپ بېكىتكەندىن بۇيان، ئۇيغۇر ئىلىدا ئاشلىق، گۆش، مېۋە-چىۋە قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىش ھەسسىلەپ ئاشماقتا. ئۇيغۇر ئېلى ئېكولوگىيەسىنىڭ بۇنىڭغا قانچىلىك بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقى چەت ئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلە بولۇپ قالغان.