خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر گۆدەكلىرىنى «قىزىللىشىش» قا يېتەكلىمەكتە

ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېر سىستېمىسى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ بىۋاستە ئاقىۋىتى تۈپەيلىدىن يۈز مىڭلارچە ئۇيغۇر سەبىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرىشىدىكى دارىلتام شەكلىنى ئالغان مەكتەپلەرگە توپلانغان ئىدى. يېقىندا بۇ ئۆسمۈرلەرنىڭ ئانا تىلى ئورنىغا خىتايچە تىلنى دەسسىتىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇلارغا «قىزىللىشىش» تەربىيەسىنى سىڭدۈرىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرىشىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 1-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى «1-ئىيۇن بالىلار بايرىمى» نى تەبرىكلەش باھانىسىدە شۇ كۈنى پۈتكۈل رايون مىقياسىدا 220 مىڭ ئۆسمۈرنى پىئونېرلىققا قوبۇل قىلغان. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە بۇنچە كۆپ ساندىكى ئۆسمۈرنى پېئونىرلىققا قوبۇل قىلىشنى «كىچىك ئانار دانىچىلىرىنىڭ 20-قۇرۇلتاينى كۈتۈۋېلىشى ھەمدە ئۇلارنى كىچىكىدىن ئۇلۇغۋار نىشانلار ئۈچۈن تەربىيەلەش» دەپ چۈشەندۈرۈلگەن. شۇنىڭدەك بۇ خىل ئۇلۇغۋار ئىشلارنىڭ «جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش» ئارزۇسى ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. تۇرپان شەھرىدىكى پېئونېرلىققا قوبۇل قىلىنغان 7400 ئۆسمۈر «بىز كومۇنىزىم ئىشلىرىنىڭ ئىزباسارلىرى» دېگەندەك خورلارنى ئورۇنلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق دىنىي ئېتىقادتا بولۇشىغا يول قويۇلمايدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلاردىكى مەنىۋىي بوشلۇقنى ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ خىلدىكى «قىزىل» مەزمۇنلار بىلەن تولدۇرماقتا ئىكەن. نۆۋەتتە بولسا بۇ خىل «قىزىللىشىش» تەشۋىقاتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كىملىكىنى ئۇنتۇلدۇرۇش ھەمدە ئۇلارغا خىتاي كىملىكىنى تەن ئالغۇزۇش مەقسىتىدە ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارغا زور كۆلەمدە سىڭدۈرۈلمەكتە ئىكەن.