يېقىندىن بۇيان چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار يۇرتلىرىدا تۇتقۇن قىلىنغان ياكى يوقاپ كەتكەن ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۈچۈن ئاخىرى ئاۋاز چىقىرىشقا باشلىغان. ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئەخمەت لېتىپ (Afumetto Retefu) ۋە ئاۋستىرالىيەدىكى شىر مۇھەممەد ھەسەن دەل مۇشۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
ئەخمەت لېتىپنىڭ خەۋىرى ياپونىيەنىڭ NHK رادىيو قانىلىنىڭ تورىدا 21-ئىيۇل ئېلان قىلىنغان. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئەخمەت لېتىپ 2002-يىلى ياپونىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن. 2009-يىلى ئۇ ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق نامايىشقا قاتناشقان ۋە شۇ ۋەجىدىن ئائىلىسىگە بىرەر خەۋپ يېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ يۈرگەن. دەرۋەقە، 2017-يىلىغا كەلگەندە ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن. 2018-يىلى 2-ئايدا ئۇ ئاپىسى بىلەن قايتا ئالاقىلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان ھەمدە دادىسى، ئىنىسى ۋە باشقا 10 دىن ئارتۇق ئائىلە ئەزالىرىنىڭ لاگېرغا تۇتۇلغانلىقىنى بىلگەن.
بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئەخمەت لېتىپ ۋەتەندىكى مەلۇم بىرەيلەندىن دادىسىنىڭ سىن كۆرۈنۈشىنى تاپشۇرۇپ ئالغان. ئۇنىڭدا دادىسى ئۆزىنىڭ ئىنتايىن ئالدىراش ئىشلەۋاتقانلىقى، سالامەتلىكىنىڭ ناھايىتى ياخشىلىقىنى ئېيتقاچ، ئوغلى ئەخمەتنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىشقا ئۈندىگەن. مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشنى ئەۋەتكەن كىشى ئۇنىڭغا ئۆزى بىلەن ھەمكارلاشسا تۇتقۇن قىلىنغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى دېگەن. ئىككى ئايلىق ئويلىنىشتىن كېيىن، ئەخمەت لېتىپ خىتايغا ئىشەنگىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش يولىغا قاراپ ئاتلانغان.
«دېڭىز بوغۇزى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 23-ئىيۇلدىكى سانىدا ئاۋستىرالىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچى شىر مۇھەممەد ھەسەننىڭ خەۋىرى ئېلان قىلىنغان. خەۋەرگە قارىغاندا، 2017-يىلى ئاۋستىرالىيەگە كەلگەن شىر مۇھەممەدنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، ئۆزىنى «ئەمدى بىخەتەر بولدۇم» دەپ ئويلىغان. ھالبۇكى، ئىشلار ئۇ ئويلىغاندەك بولمىغان. يەنى بىر يىلدىن كېيىن ئۇ خىتايدىن كەلگەن رەزىل ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان.
شىر مۇھەممەدكە ئۇچۇر يوللىغان كىشى ئۇنىڭغا «بىز بىللە ئولتۇرۇپ بىر-بىرىمىزنى ياخشى چۈشەنسەك بولاتتى. مەن سىزگە ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرغان قىسقىچە بىر نەرسە ئەۋەتىپ بېرىڭ دېسەم، سىز قىلمىدىڭىز. بىز ياخشى پاراڭلىشىپ بېقىشىمىز كېرەك،» دەپ تەھدىت ئارىلاش گەپلەرنى قىلغان.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ كىشى شىر مۇھەممەدكە ئۇدا ئالتە ئاي مۇشۇنداق ئۇچۇرلارنى يوللىغاندىن كېيىن، تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەن. نەتىجىدە ئۇ بىر قورقۇنچنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ قالغان. ئاخىرى ئۇ قارشىلىق بىلدۈرمىسە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان ۋە بۇ ئىشلارنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان.