ئۇيغۇر ئېلىدە تۇنجى نۆۋەتلىك مودېرنىزم گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسى ئېچىلغان


خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 16 - ماي ئۇيغۇر ئېلىدە تۇنجى نۆۋەتلىك مودېرنىزم گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسى ئېچىلغان. كۆرگەزمە ئۈرۈمچىدىكى مودېرنىزم گۈزەل سەنئەت سارىيىدا ئېچىلغان بولۇپ، 16 - ئىيۇنغىچە داۋام قىلىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئەسەرلەر ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ياش ئۇيغۇر رەسساملار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا كۆرگەزمىگە يەنە خىتاي بولمىغان باشقا مىللەت رەسساملىرىمۇ ئەسەر قاتناشتۇرغان.

كۆرگەزمىنى ئارمان مەمەت ئىسىملىك ھەيكەل تاراش سەنئەتكار پىلانلىغان، بەختىيار ئابدۇرېھىم ئىسىملىك رەسسام ئىلمىي جەھەتتىن ھەمدەمدە بولغان.

بەزى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، كۆرگەزمىگە خىتاي رەسساملار ئارىلاشتۇرۇلمىغان بولغاچقا كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىشى كېچىكتۈرۈلگەن بولسىمۇ، كېيىن يول قويۇلغانلىقى مەلۇم.

كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئەسەرلەرنى تاللاش ۋە باھالاش ئىشلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي رەسسام ۋە ئوبزورچى زېڭ سۇنكەي ئۈستىگە ئالغان.

بۇ، تۇنجى نۆۋەتلىك مودېرنىزملىق سەنئەت كۆرگەزمىسى ئۇيغۇر گۈزەل سەنئەت ئېقىملىرىنى سىرتقى دۇنيا بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشتا ئاھالىدە ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارالغان.