«ئۇيغۇر ھېكايىلىرى» ناملىق كىتاب خەلقاراغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ يېقىنقى كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلاتتى

گېرمان يازغۇچىسى ئىنگرىد ۋىدېئارتو خانىم يازغان «ئۇيغۇر ھېكايىلىرى» ناملىق كىتاب 2015-يىلى گېرمانىيەدە تۇنجى قېتىم گېرمان تىلىدا نەشر قىلىنغان ئىدى. ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن بۇيانقى رېئال كەچۈرمىشلىرىگە بېغىشلانغان مەزكۇر كىتاب ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، بۇ يىل 12-ئايدا نەشر قىلىندى ۋە ئاموزون كىتاب سېتىش تورى ئارقىلىق سېتىلىشقا باشلىدى.

يازغۇچى ئىنگرىد خانىم مەزكۇر كىتابتا 14 نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ ئالدى-كەينىدە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن رېئال كەچۈرمىشلىرىگە ئاساسەن بۇ كىتابنى يېزىپ چىققان. كىتابتىكى ھېكايە تەقدىم قىلغان شەخسلەرنىڭ ئەسلىدىكى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، ئومۇملاشتۇرۇش، تاسقاش ۋە تاللاش ئارقىلىق ھەر بىر شەخسنىڭ ھېكايىسى مەلۇم دەرىجىدە ھەم رېئال قىممىتىنى ساقلاپ قالغان ھەم مەلۇم دەرىجىدە بەدىيلەشتۈرۈلگەن.كىتابتا ئاپتور غەربتە قىزغىن قارشى ئېلىنىدىغان ئاممىبابلىق، ئوقۇشچانلىق، رېئاللىق بىلەن تەسەۋۋۇر ئورگانىك رەۋىشتە گىرەلەشتۈرىلىدىغان يېزىش ئۇسۇلىنى قوللانغان.

«ئۇيغۇر ھېكايىلىرى» ناملىق بۇ كىتاب 2015-يىلى گېرمان تىلىدا نەشر قىلىنغاندىن كېيىن گېرمان تىللىق ئوقۇرمەنلەر دۇنياسىدا قارشى ئېلىنغان. كېيىنچە كىتاب ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، بۇ يىل 12-ئايدا رەسمىي نەشر قىلىنغان.

كىتابنى ئوقۇپ چىققان ئوقۇرمەنلەرنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر كىتاب تاشقىي دۇنياغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ يېقىنقى ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشتا مۇھىم قىممەتكە ئىگە ئىكەن.

گېرمان يازغۇچىسى ئىنگىرىد ۋىدېئارتو خانىم ئەسلىدە بېرلىندىكى ھۈرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇزۇن يىل لاتىن تىللىق ئەسەرلەر تەرجىمانى ۋە كاتىپ بولۇپ خىزمەت قىلغان. پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا قىزىقىپ، بۇ ھەقتە ئۇزۇن مەزگىل ئىزدەنگەن. ئۇ بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلار تېمىسىدا «ئۇيغۇر ياش يانار»، «ئۇيغۇر يېرىدە» قاتارلىق 4 كىتاب نەشر قىلغان. «ئۇيغۇر ھېكايىلىرى» ناملىق بۇ ئەسەر ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغان 4-كىتابى ئىكەن.