باش ئىشتابى ۋاشىنگتوندىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى چاقىرىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) «كىشىلىك ھوقۇق ھىمايىچىلىرى خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىنىڭ قوشما ساھىبخانلىقىنى ئۈستىگە ئالدى.
بۇ قېتىملىق يىغىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، «توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى» نىڭ رەئىسى جېيمىس مەكگوۋېرن (Rep. Jim McGovern) ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ياردەمچى مىنىستىرى ئېرىن باركلاي (Erin Barclay) قاتارلىقلار يىغىندا مۇھىم سۆز قىلغان ھەمدە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە بولۇشىغا قارشى كۈرەشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت ئەۋەتكەن كىشىلىك ھوقۇق پەۋقۇلئاددە مەلۇماتچىسى مارىي لاۋلور (Mary Lawlor) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «كىشىلىك ھوقۇق ھىمايىچىلىرىنى قوغداش ۋە قوللاش، ب د ت ئەھدىنامىسىدىكى ئەڭ مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ بىرى. چۈنكى بۇلار زىيانكەشلىك ۋە ھاكىممۇتلەقلىقنىڭ دولقۇنلىرىدا ئەڭ ئالدىنقى سەپتىن ئورۇن ئالغان كىشىلەردۇر» دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدا ئۆز تىرىشچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇۋاتقان بىر تۈركۈم شەخسلەرگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە زىيانكەشلىك قىلىپ كەلگەن. ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى روشەن ئابباسنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمۇ ئەنە شۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك ھۇجۇملىرىغا ۋە زىيانكەشلىكىگە دۇچ كەلگەن ئىدى.