«شىنجاڭ توكىنى ئىچكىرىگە يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشى غايەت زور كۆلەمگە يەتكەن

«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 19-ماي كۈنى چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، «شىنجاڭ توكىنى ئىچكىرىگە يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشى باشلانغاندىن بۇيان ھازىرغىچە، ئۇيغۇر رايونىدىن ئىچكىرى خىتايغا توشۇلغان توكنىڭ مىقدارى جەمئىي 640 مىليارد كىلوۋاتقا يەتكەن.

«شىنجاڭ توكىنى ئىچكىرىگە يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشىنىڭ بىرىنچى توك يولى قۇمۇلدىن دۇنخۇاڭغىچە بولۇپ، 2010-يىل 11-ئايدا تاماملانغان؛ ئىككىنچى توك يولى دۇنخۇاڭدىن شاجوغىچە بولۇپ، 2013-يىل 6-ئايدا تاماملانغان؛ قۇمۇلدىن جېڭجۇغىچە يۇقىرى بېسىملىق توك يولى 2014-يىل 1-ئايدا تاماملانغان بولۇپ، «شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى تۇتاشتۇرغۇچى ئېلېكتر يىپەك يولى» دەپ ئاتالغان. دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى بېسىملىق ۋە ئەڭ كۆپ مىقدارلىق توك يولى شەرقىي جۇڭغارىيەدىن جەنۇبىي ئەنخۇي ناھىيەلىرىگىچە تۇتاشتۇرۇلغان توك يولى بولۇپ، ئۇيغۇر رايونى بىلەن ئىچكىرى خىتاي ئارىسىدىكى مۇھىم ئېلېكتر تورىغا ئايلانغان. بۇ يىل خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە قۇمۇلنىڭ شىمالىدىن چۇڭچىڭغىچە بولغان ئۈچىنچى توك يولىنى قۇرۇشنى پىلانلاۋېتىپتۇ.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىر ئۇيغۇر رايونى خىتاينىڭ ئەڭ مۇھىم ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلانغان بولۇپ، نېفىت تەبىئىي گاز، كۆمۈر بايلىقىدا خىتاي بويىچە بىرىنچى، قۇياش ۋە شامال ئېنېرگىيەسى بايلىقىدا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچكىرىگە تەمىنلەۋاتقان توك ئاساسەن كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىدىغان ئوت ئېلېكتر ئىستانسىسى بولۇپ، مۇھىتنى بۇلغاش دەرىجىسى ئەڭ ئېغىر ھېسابلىنىدىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ بۇ پىلانىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى بۇزۇپ، ھاۋاسىنى بۇلغاپ، يەرلىك ئاھالىلەرگە زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.