خىتاي كومپارتىيىسى سىياسىي بيۇروسى مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى ھەققىدە يىغىن چاقىردى

28 - ئىيۇن كۈنى خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دۆلەت رەئىسى ۋە كومپارتىيە باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە بېيجىڭدا مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ، بۇ رايوننىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى مەسىلىسى ھەققىدە يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىننىڭ قارارى بويىچە سىياسىي بىيورو دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى يۈ جېڭشېن باشچىلىقىدىكى خىزمەت گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى بويىچە يېتەكچىلىك قىلىشقا كىرىشكەن.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ شىنخۇادىن نەقىل ئېلىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيوروسىنىڭ يىغىنىدا «چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ ھەرىكىتى كۈچىيىپ كەتكەنلىكى» كۆرسىتىلىپ، قاتتىق زەربە بېرىش تەكىتلەنگەن.

يۈ جېڭشېن باشچىلىقىدىكى خىزمەت گۇرۇپپىسى 29 - ئىيۇن كۈنى ئۈرۈمچىدە كادىرلار يىغىنى چاقىرىپ، مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە قىلىدىغان خىزمەتلەرنى بېكىتكەن.

بېيجىڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ شى جىنپىڭ باشچىلىقىدا يىغىن چاقىرىپ، مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنى مۇھاكىمە قىلىپ،مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن قاتتىق چارىلەرنى قوللىنىشنى قارار قىلىشى دىققەت قوزغىدى.

بۇ ھەقتە بىر قىسىم خەلقارا مەتبۇئاتلار خەۋەر ئانالىزلىرىنى ئېلان قىلدى.