خىتاي دائىرىلىرى 1 - مايدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە يانفون ئىشلەتكۈچىلەرگە قارىتىلغان چەكلەش تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. بۇنىڭ 23 - ئاپرېل سېرىقبۇيا ۋەقەسىدىن كېيىنلا يولغا قويۇلۇشى دىققەتنى چەكمەكتە.
رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، تېلېفون كارتىسىغا تىزىملاتقۇچىلار چوقۇم ئۆز كىملىكىنى ئېلىپ كېلىپ، تىزىملىتىشى كېرەك ئىكەن.
بۇ بەلگىلىمە 1 - مايدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولۇپ بۇنىڭدا يېڭى تېلېفون تىزىملاتقۇچىلار چوقۇم ئۆز ئىسمى بىلەن تىزىملىتىش شەرت قىلىنغان.
ئۈرۈمچىدىكى جاڭ فامىلىلىك بىر تېلېفون كارتىسى ساتقۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ مۇشۇ شەنبىدىن باشلاپ تېلېفون كارتىسى ساتقاندا ھەقىقىي ئىسىم ئىسلىتىش بويىچە تەربىيىلىنىشكە چاقىرىلغان.
ئۇ مۇنداق دېگەن: بۇنى ئاڭلاپ ئىشەنمەيلا قالدىم. چۇنى بۇ مىڭلىغان خېرىدارغا بېرىپ تاقىلىدىغان مەسىلە - دە.
بىزگە ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇر بەرگەن بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ تۈزۈم يولغا قويۇلغىنى خېلى ئۇزۇن بولغان.
ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ ئىشنى يولغا قويغىنى خېلى بولدى. كىملىكىنى ئىشلەتمەي تۇرۇپ تېلېفون كارتىسى بېجىرىش مۇمكىن ئەمەس.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 2009 - يىلىدىن كېيىنلا كوچىلاردا تېلېفون كارتىسى ساتىدىغانلار ئاساسەن قالمىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2009 - يىلىدىكى ئۈرۈمچى نامايىشىدىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى يانفون ئىشلەتكۈچىلەرگە قارىتىلغان باشقۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن ئىدى.
بۇ يىل 23 - ئاپرېل مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ سېرىقبۇيا يېزىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 21 ئادەم ئۆلگەن.
دائىرىلەر بۇ ۋەقەنى ئاتالمىش تېررورلۇق ۋەقەسى دەپ ئاتىغان ئىدى.