ئەنگىلىيەنىڭ نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرىدىن بولغان «سىملىق خەۋەرلەر» (wired) تورى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىنى قاتتىق ۋەيرانچىلىققا ئۇچراتقانلىقى ھەققىدە بىر پارچە مۇھىم ماقالە ئېلان قىلغان.
«ئۇيغۇر ئىنتېرنېت تورىنىڭ غەلىتە ئۆلۈمى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بۇ ماقالىدە ئۇيغۇر تور بەتچىلىكى بىر مەھەل تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ يولغا قويغان چېكىدىن ئاشقان بېسىم سىياسىتى سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس توربەتلىرى، مۇنبەر ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ پۈتۈنلەي غايىب بولغانلىقى، يۈز مىڭدىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىگە ئېرىشكەن «باغداش» تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەكبەر ئەسەت 2016-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان شۇ بىر يىل ئىچىدە، «باغداش» تورىدىن باشقا يەنە «مىسرانىم»، «بوزقىر»، «ئانا تۇپراق» قاتارلىق نۇرغۇنلىغان مەشھۇر ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنىڭمۇ توختاپ كەتكەنلىكى بايان قىلىنغان.
ماقالىدە ئۇيغۇرشۇناس، ۋانكۇۋېردىكى سىمون فرازېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى داررېن بايلېر زىارەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە: «بۇ ئۆز خەلقى ئۈچۈن بىر كېلەچەك يارىتىشقا تىرىشقان مىڭلارچە كىشىنىڭ ھاياتى بويىچە قىلغان خىزمىتىنى ۋەيران قىلغانلىقتۇر» دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن سىياسىتىنى يولغا قويغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلەشتىكى ئەركىن مەيدانىغا ئايلانغان ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىگە ئالدى بىلەن قاتتىق زەربە بەرگەن ئىدى. ھازىر چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان بىر قىسم شاھىتلارنىڭ مەزكۇر خەۋەر تورىغا دېيىشىچە، شۇ قېتىملىق تۇتقۇنلاردا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر پروگراممېرلار، كومپيۇتېر مۇتەخەسسلىرى ۋە تېخنىك خادىملار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىللىق كومپۇتېر مەھسۇلاتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قولغا ئېلىنىپ كەتكەن.