ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئۆرلىگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر گۇمان قوزغىدى
2013.04.18
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ستاتىستىكا ئىدارىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 2012-يىللىق مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 753 مىليارد سومدىن ئاشقانلىقىنى، ئۆلكىلەر بويىچە رەتكە تىزغاندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلگىرىكى 29-ئورۇندىن 11-ئورۇنغا ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەمما كۆزەتكۈچىلەر بۇ رەقەملەرنىڭ يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئۇيغۇر رايونلۇق ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادى ئۇدا ئۈچ يىل 300 مىليارد سوملۇق ئۆتكەلدىن ھالقىپ ئۆتكەن. 2009-يىلدىن 2012-يىلغىچە، رايوندا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2920 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ 5372 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 5000 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن.
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بولسا يۇقىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەرلىك خەلقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيغۇر ئېلى 19 ئۆلكىگە بۆلۈپ بېرىلگەندىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ياشاش دائىرىسىنىڭ تېخىمۇ تارلاپ كەتكەنلىكىنى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ نەپ ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.