«ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ھەققىدىكى قارار يېڭىۋاشتىن قاراپ چىقىلماقچى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-01-27
Share

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ترامپ ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان «خىتاي ھازىر ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلماقتا» دېگەن مەزمۇندىكى قارارغا يېڭىۋاشتىن قاراپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«ئامېرىكا خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 27-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، جوۋ بايدىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى نامزاتى لىندا توماس بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ؛ «تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمىز ئىلگىرىكى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت بۇ قارارنى ئېلىشتا بارلىق قائىدىلەرگە تولۇق رىئايە قىلىپ كەتمىگەن، دەپ قارايدۇ. شۇڭا بۇ قارارنى قايتىدىن قاراپ چىقىدۇ» دېگەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىر نامزاتى ئانتوني بلېنكىن ئەپەندى مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا قارىتا «مايك پومپيونىڭ ئورنىدا مەن بولغان بولسام مەنمۇ ئۇيغۇرلار قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ، دېگەن بولاتتىم» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت