باش ئەلچى بېس ۋان شاك: «ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت داۋاملىشىۋاتىدۇ»
2023.06.01
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك جىنايى ئىشلارغا مەسئۇل باش ئەلچىسى بېس ۋان شاك (Dr. Beth Van Schaack) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى «ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ كۆرسەتكەن.
بېس ۋان شاك بۇ سۆزنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ تاشقىي مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» چىقىرىش ھەققىدە چاقىرىلغان بىر ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا قىلغان.
ۋان شاك خانىم، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قوزغىغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ۋە بۇ ئۇرۇش جەريانىدا ئۇكرائىنا خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان سورۇقچىلىقلار ئۈستىدە توخـتالغاندا، ئىنسانلارغا قارشى ئىشلىنىدىغان جىنايەتلەرنىڭ پەقەت ئۇرۇش مەزگىلىدىلا ئەمەس، بەلكى تىنچلىق مەزگىلىدىمۇ ئوخشاش سادىر بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنى مىسال كۆرسەتكەن.
ئۇ بۇ ھەقتە «ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلىدىغان جىنايەتلەر ئۆلتۈرۈش، قىيناش ۋە باسقۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق زىيانكەشلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ كەڭ كۆلەملىك ياكى سىستېمىلىق ھۇجۇمنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ھەرقانداق كىشىگە يۈرگۈزۈلۈشى مۇمكىن. بۇنداق زىيانكەشلىكلەر قوراللىق توقۇنۇشتىلا ئەمەس، بەلكى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللىي ھەم دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ ئەزالىرىغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقىنىدەك، تىنچلىق مەزگىلىدىمۇ يۈز بېرىشى مۇمكىن.» دېگەن.
ۋان شاك خانىم ئامېرىكانىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ماقۇللىشىنىڭ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىنىڭ خەلقئارالىق جىنايى قىلمىشلارنى تەكشۈرۈش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.