يېقىندا ئامېرىكادا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تېما قىلىنغان بىر رومان نەشردىن چىققان. «كىتابنىڭ سىرتىدا» ناملىق بۇ روماننى خىتاي كۆچمەنلىرىدىن بولغان ئامېرىكالىق يازغۇچى سوما مېي شېڭ فرازىئېر يازغان.
«توك چىراغ» دەپ ئاتالغان تور بەتتە كىتابنىڭ ئاپتورى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتىن قارىغاندا، ئاپتورنىڭ ئادەتتە ئەدەبىيات ساھەسىدە كۆپ ئۇچرىمايدىغان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق تېمىسىدا رومان يېزىشىنىڭ سەۋەبى بولسا «بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ يېتەرلىك دىققەتكە ئېرىشەلمەسلىكى» ئىكەن.
سوما مېي شېڭ فرازىئېر مۇنداق دېگەن:
«خىتاي ئامېرىكانىڭ بىرىنچى سودا ھەمراھى. ئۇلار قېرىلىشىۋاتقان نوپۇسى ۋە بىزنىڭ بارلىق مۇداپىئە كۈچىمىزگە قارىماي، رايوندىكى زومىگەر دۆلەتكە ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچكە ئايلىنىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەر پەلەستىن، ئىسرائىلىيە، ئۇكرائىنادىكى ۋەھشىيلىكلەرگە قارشى سۆزلىيەلىسىمۇ، ئەمما خىتاينى ئەيىبلىيەلمەيۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە قىسمەن بولسىمۇ سۈكۈتتە قېلىشىمىزغا سەۋەب بولۇۋاتقان (ئاچكۆزلۈك، قورقۇتۇلۇش ۋە مەسىلىگە بولغان يىراقلىق تۇيغۇسى) قاتارلىق ئامىللار مېنى بۇ توغرۇلۇق كىتاب يېزىشقا ئۈندىدى».
«كىتابنىڭ سىرتىدا» ناملىق بۇ رومان ھېنرىي خولت ۋە شىركىتى (Henry Holt and Company) تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئۇ 30-ئىيۇل كۈنى بازارغا سېلىنغان ئىكەن.
مەزكۇر تور بەتتىكى ئۇچۇردا، ئۇزۇن يوللۇق سەپەر ھېكايىسى بىلەن باشلىنىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن ئىبارەت بىر ھەيران قالارلىق بىر نەتىجە بىلەن ئاياغلاشقان بۇ روماننىڭ ناھايىتى ئۆزگىچە ئۇسلۇبقا ئىگە ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.