ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇر گۇرۇپپىسىنىڭ قوش رەئىسلىرىدىن، جۇمھۇرىيەتچى ۋە دېموكراتىك ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سىمىت بىلەن توم سوزى، خىتاينىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە جازالاش قانۇن لايىھەسى» سۇنغان. كرىستوفېر سىمىتنىڭ ئىشخانىسى 24-ئاپرېل ئېلان قىلغان باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسى «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش» نى مەقسەت قىلغان ئىكەن. بۇ قانۇن لايىھەسى ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ ئارقىسىدىنلا سۇنۇلغان. مەلۇم بولۇشىچە، «سىمىت-سوزى قانۇنى» دەپ ئاتالغان قانۇن لايىھەسىدە، «2020-يىلى ماقۇللانغان ‹ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى› تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن، شۇنداقلا مەۋجۇت جازالاش تەدبىرلىرىنى كېڭەيتىپ، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارشى سادىر قىلغان قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق ۋەھشىيلىكلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىشقا كاپالەتلىك قىلىش» ئوتتۇرىغا قويۇلغانىكەن.
كرىستوفېر سىمىت، بۇ ھالقىلىق قانۇننىڭ «شى جىنپىڭ ۋە خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاساسلىقى مۇسۇلمان ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىگە قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەكتىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي ئېلىشقىچە بولغان قورقۇنچلۇق دەپسەندىچىلىكنى توختىتىشقا ياردەم بېرىدىغانلىقى» نى ئېيتقان. توم سوزى، بۇ قانۇن لايىھەسى ئۇلارنىڭ «بۇ جىنايەتنى سادىر قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش تىرىشچانلىقىنى كېڭەيتىش، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ھۆججەتلەشتۈرۈشكە تېخنىكىلىق ياردەم بېرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، «سىمىت-سوزى قانۇن لايىھەسى» جۇمھۇرىيەتچى ۋە دېموكراتىك كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن ماركو رۇبىئو بىلەن جېف مەركلېينىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن سۇنغان قانۇن لايىھەسى بىلەن ئوخشاشلىققا ئىگە ئىكەن. ھەر ئىككى قانۇن لايىھەسىدە ئامېرىكادىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بەدەن ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي ئېلىشىغا قارشى ئىستراتېگىيە تۈزۈشى تەلەپ قىلىنغان. «سىمىت-سوزى قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېن خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان بىر پەيتتە سۇنۇلغان.