كەشمىردىن چىقىدىغان «كەشمىر كۆزەتكۈچىسى» ناملىق تور ژۇرنىلى ئۇيغۇرلار ۋە يېقىنى بېيجىڭ ۋە سېرىقبۇيىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇملار ھەققىدە ئېلان قىلغان مۇلاھىزە ماقالىسىدە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى، بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىنى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.
«شىنجاڭدىكى ئاتالمىش ئۇيغۇر تېررورچىلار» ناملىق ماقالىدە تيەنئەنمېن ئاپتوموبىل ھۇجۇمى ۋە 16 - نويابىر سېرىقبۇيا ساقچىخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇملار ھەققىدە توختىلىپ، دائىرىلەرنىڭ ھەر ئىككىلا ھۇجۇمنى «تېررورلۇق ھۇجۇمى» دەپ ئاتىغانلىقى، ئەمما بۇنى ئىسپاتلايدىغان يېتەرلىك دەلىل كۆرسەتمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ماقالىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئەل قائىدە تەشكىلاتىغا باغلاپ خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، سۆز پىكىر ئەركىنلىكى ۋە مىللىي كىملىكىنى قوغداش ئەركىنلىكىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلغانلىقىنى يازغان.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلگەن: تېررورىزمغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ قالقىنى ئاستىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلاغا قارىتا تېررورلۇق يۈرگۈزمەكتە. خەلقئارا جەمئىيەت، بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇ ئېزىلگەن مىللەتكە قارىتىلغان باستۇرۇشلارغا قارىتا ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلەيدىغان پەيت مانا ئەمدى كەلدى.
ماقالىدە يەنە، خەلقئارا جەمئىيەت بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشلىرىغا ئىشەنمەسلىككە چاقىرىلغان.
28 - ئۆكتەبىر تيەنئەنمېن راۋىقىغا ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ھۇجۇمچىلار ئانا، ئوغۇل ۋە كېلىندىن ئىبارەت بىر ئائىلە كىشىلىرى بولۇپ، بۇ خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
16 - نويابىر 9 نەپەر ئۇيغۇر پىدائىي سېرىقبۇيىدىكى خىتاي ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىپ 3 خىتاي ساقچىسىنى ئۆلتۈرگەن ۋە بىر نەپىرىنى يارىلاندۇرغان. ھۇجۇمدا 9 نەپەر ئۇيغۇر قۇربان بولغان.