تەڭرىتاغ تورى تارقاتقان خەۋەردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقە تورىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى يەنە 13 كىشىنى ئىنتېرنېت تورىدىكى ئاتالمىش «قانۇنسىز» مەشغۇلاتلىرى ئۈچۈن بىر تەرەپ قىلغان.
بۇ 13 كىشىنىڭ 7 نەپىرى ئۇيغۇر، ئىككى نەپىرى تۇڭگان، ئۈچ نەپىرى خىتاي، بىر نەپىرى قازاق بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تېخى 20-28 ياشلار ئەتراپىدىكى ياشلاردىن تەركىب تاپقان.
خەۋەردە، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى پەقەت باش ھەرپى بىلەنلا ئېلىنغان بولۇپ، تىزىملىكتىكى ئۇيغۇر، تۇڭگان ۋە قازاق مىللىتىدىن بولغانلار «توردا دىنى ئەسەبىيلىك مەزمۇنىدىكى ماتېرىياللارنى كۆرۈش، دىنى مەزمۇندىكى رەسىملەرنى تور بوشلۇقىدا ساقلاش، تېررورلۇق-زوراۋانلىق ۋىدىيولىرىنى كۆرۈش ۋە ساقلاش، مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىب قىلىدىغان مەزمۇنلارنى تارقىتىش» دېگەن سەۋەبلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان.
باشقا ئۈچ نەپەر كىشى «ئۆسەك سۆز تارقىتىش» دېگەن بىلەن ئەيىبلەنگەن.
ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى ئىلگىرىمۇ ئايرىم-ئايرىم ھالدا 8 نەپەر ۋە 12 نەپەر كىشىنى يۇقىرىدىكىگە ئوخشايدىغان سەۋەبلەر بىلەن جازالىغان ئىدى.
خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بولسا ئۇيغۇر ئېلىدە كىشىلەرنىڭ ئىنتېرنېت-ئۇچۇر ئەركىنلىكى ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.