خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا 60 چە كادىرنى تېررورلۇق مەسىلىسىدە بىخۇدلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن

خىتاينىڭ يەر شارى ۋاقتى گېزىتىنىڭ ئىنگلىزچە سانىدا خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش تارماقلىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى 60 نەچچە كادىرنى تېررورلۇق مەسىلىسىدە بىخۇدلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن تەنقىدلەپ ئاگاھلاندۇرغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، دائىرىلەر 10-مايدىن 16-مايغا قەدەر 14 ساھە بويىچە 72 ئورۇندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە 5 ئىدارە 4 شەخسنى تېررورلۇققا قارشى سەگەك تۇرغان دەپ مەدھىيىلىگەن؛ 60 كىشىنى بىخۇدلۇق بىلەن ئەيىبلەپ ئاگاھلاندۇرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش تارماقلىرىنىڭ كادىرلاردىكى تېررورلۇققا قارشى سەزگۈرلۈك ئەھۋالىنى تۇنجى قېتىم تەكشۈرۈشىدۇر. تەكشۈرۈشنىڭ ئۇشتۇمتۇت ئېلىپ بېرىلىشى، قىسقا مۇددەت ئىچىدە خۇلاسە چىقىرىلىشى، مۇھاجىرەتتىكى كۆزەتكۈچى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا ئىككى يۈزلىمىلىك بىلەن جازالانغانلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان، تىزىملىكتە پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلار تىلغا ئېلىنغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يۇقىرىقىدەك ئاگاھلاندۇرۇشلار ئارقىلىق، ئۇيغۇر كادىرلىرىنى ئۆز مىللىتىدىن پۈتۈنلەي يۈز ئۆرۈشكە قىستاۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، بۇ خىل قىستاشنىڭ خىتاي كۈتكەندىن ئەكسىچە نەتىجە بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.