ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتىنىڭ 2-دەرىجىلىك تەكشۈرگۈچىسى ئىلھام ئابلەت جازالانغان

خىتاي مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ 1-ئىيۇل بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتىنىڭ 2-دەرىجىلىك تەكشۈرگۈچىسى ئىلھام ئابلەت ئىنتىزام ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقى توغرىسىدا تەكشۈرۈلگەن.

تەكشۈرۈشتىن كېيىن، «ئىلھام ئابلەتكە پارتىيەگە ساداقەتسىز ۋە سەمىمىيەتسىز بولۇش، تەشكىلگە قارشى دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش، يوقىتىش ۋە يوشۇرۇش، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ سوۋغات قوبۇل قىلىش، تەلەپكە ئاساسەن شەخسىي ئىشلارنى دوكلات قىلماسلىق ۋە باشقىلار بىلەن نامۇۋاپىق مۇناسىۋەت ئورنىتىش» قاتارلىق «جىنايەتلەر» بىلەن ئەيىبلەنگەن ۋە خىزمەتتىن ھەيدىلىپ، بارلىق كىرىملىرىنى مۇسادىرە قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە 2016-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىدارە-ئورگانلاردا، ۋىلايەت، ناھىيەلەردە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلىنىپ، ئىنتىزامسىزلىق ۋە پارىخورلۇق، ھەتتا «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» جىنايەتلىرى بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، دېھقانچىلىق نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئورمانچىلىق نازارىتى ۋە باشقا ئورگانلاردىكى بىر قىسىم نازىر دەرىجىلىك ئۇيغۇر كادىرلارمۇ جازالىنىپ قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانىدى. ھەتتا ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ پېنسىيەگە چىققان نازىرى 75 ياشلىق مەمەت ئابدۇللامۇ 2017-يىلى 5-ئاينىڭ بېشىدا «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ، تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ۋە لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى دەلىللەنگەنىدى.