ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەمگەك كۆجۈملەشكەن خىتاي زاۋۇت-كارخانىلىرىغا تېخىمۇ كەڭ مەركەزلەشكەنلىكى قەيت قىلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى توقۇمىچىلىق زاۋۇت-كارخانىلىرىنىڭ كۆلىمى ھەسسىلەپ ئارتقان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي توقۇمىچىلىق كىيىم-كېچەك زاۋۇت-كارخانىلىرىنىڭ سانى 3725 كە يېتىپ بارغان. بۇنىڭ بىلەن بۇ يىل 10-ئايغىچە مەزكۇر رايوندىكى خىتاي توقۇمىچىلىق كىيىم-كېچەك كارخانىلىرىنىڭ سانى 2014-يىلقىدىن 5.7 ھەسسە ئارتقان. بۇنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر رايونىغا كېلىپ مەبلەغ سالغان خىتاي كارخانىلىرىنىڭ سانى 1350 ئىكەن.
چەتئەل تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا، نۆۋەتتە رايوندىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ كۆلىمى تېخىمۇ كېڭىيىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ رايوندىكى ئىستراتېگىيەسى ما شىڭرۈي دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا قاماشتىن زاۋۇت-كارخانىلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە بەند قىلىشقا قىلىشقا ئۆزگەرگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.
تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە ما شىڭرۈي ئەمگەك كۈچلىرىنى «ئىز قوغلاپ تەقىبلەش سىستېمىسى» ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلماقتا ئىكەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى لياڭ يوڭ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونى خىتاي «توقۇمىچىلىق كىيىم-كېچەك سانائىتىنىڭ مەركەزلىك تەرەققىي قىلىۋاتقان يېڭى پەللىسى» گە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا توقۇمىچىلىق كىيىم-كېچەك سانائىتىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى، بۇ رايوننىڭ پاختا خام ئەشيا مەنبەسى بولۇشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىكەن. خەۋەردە، بۇ يىل رايوننىڭ كېۋەزلىك كۆلىمى تارايغان بولسىمۇ، ئەمما سۈپەتنىڭ ئاشۇرۇلغانلىقى، بۇ يىل رايوندا 35 مىليون 685 مىڭ مو يەرگە كېۋەز تېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
دائىرىلەر ئۇيغۇر رايونىدىكى توقۇمىچىلىق سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۇنىڭ پاختا خام ئەشيا بازىسى بولۇشىغا باغلىسىمۇ، لېكىن چەتئەللىك تەتقىقاتچىلار بۇنىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پروگراممىسىغا باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى، رايوندىكى مىليونلىغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بۇ زاۋۇت-كارخانىلاردا مەجبۇرى ئەمگەككە تۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.